2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.9% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.21 / 0.26 / 0.19
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 20 سائەت 44 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3386ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

پويىز قوزغالغاندىن كېيىن...

sarki 6 ھېكايە

قىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، خىزمەت ئېھتىياجىدىن يىراق شەھەرگە ماڭدى. قىزنى خۇپىيانە ياخشى كۆرىدىغان تۆت يىگىت ئۇنى ئۇزاتقىلى ۋوگزالغا چىقتى. قىز مۇشۇ كەتكەنچە ئۇلار بىلەن قايتا كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى.
پويىز قوزغىلىشقا ئاز قالدى. تۆت يىگىت قىزغا گېپى باردەك قاراپ تۇراتتى، قىز كۈلۈپ تۇرۇپ:
— كېتىشىمگە قىيالمايۋاتامسىلەر؟ راستىنلا شۇنداق بولسا، مەن بىلەن بىرگە ! – دېدى.
يىگىتلەر جىددىيلەشتى. پويىز ئىشىكى يېپىلىۋاتقاندا، يىگىتلەردىن بىرى يۈگۈرۈپ پويىزغا چىقتى – دە، قىز ئولتۇرغان ئورۇنغا بېرىپ ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىدى. قىز رەت قىلماي يىگىتنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويدى، ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى يىگىتنىڭ ياقىسىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ۋوگزال سۇپىسىدا قالغان ئۈچ يىگىت قاققان قوزۇقتەك قېتىپلا قالدى. ئۇلار ئېسىگە كەلگىنىدە پويىز ۋوگزالدىن قوزغالغانىدى.
بىر يىلدىن كېيىن قىزنىڭ تويى بولدى. توي مۇراسىمىدا ھېلىقى ئۈچ يىگىت قىزدىن سورىدى:
— سىز قاچان ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇش نىيىتىگە كەلگەنىدىڭىز؟
— خەۋپ – خەتەرگە قارىماي پويىزغا سەكرەپ چىققان ۋاقىتتا، – دېدى قىز ۋە ئۇلاردىن سورىدى، – ئۇ چاغدا نېمىشقا مەن بىلەن بىللە مېڭىشنى خالىمىدىڭلار؟
— سىزنى چاقچاق قىلىۋاتامدىكىن دەپ قاپتىكەنمەن! – دېدى بىرى.
— ئۇ چاغدا تەييارلىق قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدىم، – دېدى يەنە بىرى.
— مەن بۇ ئىشنى كېيىنرەك مەسلىھەتلىشەرمىز دەپ ئويلاپتىمەن، دېدى ئۈچىنچى يىگىت.
يىگىتلەر ھەر خىل باھانە كۆرسەتكىنى بىلەن، پويىز بەرىبىر ۋوگزالدىن قوزغىلىپ بولغان – دە!
ئابلىز ئۆمەر ھاجى تەرجىمىسى

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش