2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.4% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.3% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.17 / 0.08 / 0.02
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 21 سائەت 45 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3439ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

بىر تال تەڭگە

sarki 6 ھېكايە

ھېكايە
لى جيۇۋېن

— رۇخسەتمۇ !
— كىرىڭ !
يۈزلىرى ئوتقاشتەك جىلۋىلەنگەن بىر قىز ئوقۇغۇچى كىرىپ كەلدى:
— مۇئەللىم ، مەن بىر پۇڭ تېپىۋالدىم.
مۇئەللىم تەئەددى بىلەن ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى-دە ، نېمىلەرنىدۇر خىيالىدىن ئۆتكۈزدى . بۇ چاغدا قىز تەڭگىنى شىرەگە قويۇپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى . ئۇ چوڭقۇر خىيالدىن باش كۆتۈرگىنىدە تەڭگىنىڭ شىرەنى مەينەت قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆردى ، چۈنكى بۇ بىر پۇڭلۇق تەڭگە سىرتتىكى يۇندا ئازگىلىدىن تېپىۋېلىنغان بولغاچقا ئۈستەلنى مەينەت قىلىۋەتكەنىدى . مۇئەللىم سۈرتكۈچ بىلەن ئۈستەلنى پاك-پاكىزە سۈرتۈپ بولۇشىغىلا ئىشىك يەنە چېكىلدى.
— رۇخسەتمۇ!
— كىرىڭ!
ئىشىكتە تولىمۇ روھلۇق ھەم كۈلۈمسىرىگەن يەنە بىر چىراي كۆرۈندى:
— مۇئەللىم، مەن بىر پۇڭ تېپىۋالدىم!
ئاخىرى مۇئەللىم ھېلىقى بىر پۇڭلۇق تەڭگىنى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋەتتى...
— رۇخسەتمۇ!
— كىرىڭ!
تۇرقىدىن تولىمۇ ئوماقلىقى چىقىپ تۇرىدىغان شياۋ ليەن يەنە كىردى ، ئۇ شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدى:
— مۇئەللىم، مەن يەنە بىر پۇڭ تېپىۋالدىم!
ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىختىيارسىز چەكچىيىپ كەتتى . ئاندىن ئاچچىق بىلەن ۋارقىرىدى:
— ماڭ ، بېرىپ ئۆگىنىشىڭنى قىل ! ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا ئېلىشىڭ نۆل ، ھۇ ئادەم بولمايدىغان!
شياۋ ليەن پۇلنى شىرەگە ئاستاغىنە قويدى-دە، چىقىپ كەتتى.
ئۇنىڭ ئىچى تىتىلدىغان ھالدا شىرەگە قاراپ ، بىر تۇرۇپ ئاچچىقى كېلەتتى ، بىر تۇرۇپ كۈلگۈسى كېلەتتى . ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەممىنى قىلغىنى يەنىلا ئەشۇ بىر تال تەڭگە پۇل ئىدى . ئۇ كىتاب بىلەن ھېلىقى تەڭگە پۇلنى «پاققىدە!» بىرنى قويۇپ يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى... كېيىن مەكتەپتىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇ بىر تال تەڭگە پۇلنى تېپىۋالدى ، ئەمما ھېچكىممۇ مۇئەللىمگە تاپشۇرۇپ بەرمىدى.
ئەڭ ئاخىرىدا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى تېپىۋالغان نەرسىنى مۇئەللىمگە تاپشۇرمايدىغان بولدى.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش