2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.4% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى51% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.5% · 99 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.06 / 0.02 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 228 كۈن 12 سائەت 21 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.10
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3895ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

يەتمەپتىمەن قەدرىڭگە ئانا

sarki 3 ھېكمەت

ھاجىرەم قاسىم

ھايات چاغدا ئەي ئەزىز ئانا،
يەتمەپتىمەن قەدرىڭگە ئەجەب.
ئاغرىساڭمۇ ھەتتا ئايدا بىر،
سورىماپتىم ھالىڭ قانداق دەپ.

قەدرىڭنى بىلمەستىن ئانا،
بەڭۋاشلىقتا ئۆتۈپتۇ كۈنۈم.
مانا بۈگۈن سەندىن ئايرىلىپ،
سولدى مېنىڭ بۇ ياشلىق گۈلۈم.

ئۆزۈم دەپتىم، ئالتۇن بېشىڭغا،
سالماپتىمەن ئاددىي بىر ياغلىق.
پۇشايمانغا تاپالماي قاچا،
يۈرىمەن ئاھ، كۆزلىرىم ياشلىق.

راھەت كۆرمەي بىر ئۆمۈر ئانا،
بالام دەپلا ياشاپ ئۆتۈپسەن.
مەن ئەقلىمنى تاپقاندا ئەمدى،
بارسا كەلمەس جايغا كېتىپسەن.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش