2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.7% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.5% · 99 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.08 / 0.03 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 228 كۈن 12 سائەت 22 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.10
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3897ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

ئانا (2)

sarki 3 ئائىلە ۋە تەربىيە

ئەسقەر ئابباس

تۇغدۇڭ ئانا كۆتۈرۈپ قورساق،
چىداپ مۇندا مىڭبىر جاپاغا.
بارلىقىڭنى ئەيلىدىڭ قۇربان،
قوشۇش ئۈچۈن مېنى قاتارغا.

قوشۇش ئۈچۈن مېنى قاتارغا،
سۇمبات بويۇڭ ئېگىلدى يادەك.
ئايدەك يۈزۈڭ قورۇققا تولۇپ،
سۇمبۇل چېچىڭ ئاقاردى قاردەك.

سۇمبۇل چېچىڭ ئاقاردى قاردەك،
پۇتلىرىڭمۇ تىترەيدۇ ماڭساڭ.
شەھلا كۆزۈڭ چىمچىقلار ئەمدى،
ھەر نەرسىگە بىر نەزەر سالساڭ.

ھەر نەرسىگە بىر نەزەر سالساڭ،
قاراپ-قاراپ قالىمەن ساڭا.
مەندىكى بۇ ئالتۇن ياشلىقنى،
چۈشەندىم سەن، بېرىپسەن ماڭا.

چۈشەندىم سەن، بېرىپسەن ماڭا،
گۈزەل ئەخلاق ئېسىل پەزىلەت.
ھەقىقىي بىر ئادەمگە لايىق،
ئوتلۇق يۈرەك، ئىنسانىي خىسلەت.

ئوتلۇق يۈرەك، ئىنسانىي خىسلەت،
تۇغقان ئىدىڭ دۇنياغا ئانا.
ئىللىق قۇچىقىڭ ئەللەيلىسە گەر،
ئۇندا چۈش كۆرۈپ ئۇخلايدۇ دۇنيا.

خىسلەتلىرىڭنى تەرىپلەپ ئۆتتى،
مۇندا ياشىغان بىھىساب شائىر.
مەنمۇ شۇلارنىڭ قەدەم ئىزىدىن،
شەنىڭگە ئاتاپ يازدىم بىر شېئىر.

ئانا سەن ئۇلۇغ، خىسلىتىڭ چەكسىز،
مۇنۇ يازغىنىم دېڭىزدىن تامچە.
ئانىلىق مېھرى-مۇھەببىتىڭنى،
تۈگىمەس يازسام، يازساممۇ قانچە.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش