2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.8% · 4 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.2% · 98.6 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.1 / 0.07 / 0.02
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 23 سائەت 49 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.151
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3834ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

يۈرەك

sarki 5 ھېكايە

مەھمۇد ھېيت مەھدى

كىملەردىن سۇ ئىچىپ تۇرىسەن، يۈرەك؟
چۈشۈڭدە كىملەرنىڭ كۆزلىرى ئوينار.
تۇيۇقسىز كۈلگەندە كىمنى ئەسلىدىڭ؟
يوشۇرۇن تەنلەردە ھاياجان قوزغار.

بىر مۇڭلۇق مۇزىكا يالغۇز قېلىشمۇ،
كۆڭۈلنىڭ تارلىرى نەدە چېلىندى.
ئۇنتۇشنىڭ لەززىتى تولىمۇ قىرتاق...
بىلمەيسەن نېمىلەر نەدە ئۇنتۇلدى.

چۈشلەرنىڭ داۋامى يەنە شۇ چۈشتۇر،
رېئاللىق كۆزۈڭگە تۇرار سانجىلىپ.
خىيالنىڭ ئىچىدە مەيىن شامال بار...
كۆڭۈلدىن چىقالماس كۆڭۈل ئايلىنىپ.

گۈللەرگە ئوخشايدۇ ئېچىلغان كۆڭۈل،
يوللاردا يوللارنىڭ غەملىرى يۈرەر.
گۈللەردەك ئېچىلماس كۆكتىكى ھىلال،
كېچىدە قاراڭغۇ ئېچىلىپ كېتەر.

بىر چىنە سوغۇق سۇ تۇرمۇش ئەسلىدە،
مۇھەببەت قاينىتار، سوۋۇتار ئۇنى.
بىر قۇچاق غېمىم بار ھايات ھەققىدە،
يوق، بىراق، ھەسرەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش