2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.2% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.2% · 98.6 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.18 / 0.07 / 0.02
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 23 سائەت 47 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.151
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3833ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

سەنمۇ ھەم شامالدىن سالام يوللا يار

sarki 5 ھېكمەت

ئاينىساگۈل ھەبىبۇللا

بۇلبۇللار ناۋا قىپ سايرىغان چاغدا،
يادىڭغا ئالامسەن مېنى بىرەر رەت؟
يامغۇرلۇق تۈنلەرنى قىلامسەن خىيال،
سىماھىم يادىڭدىن كەتمىسە پەقەت.

سىماھىم يادىڭدىن كەتمەيدۇ چوقۇم،
چۈشۈڭگە سوقۇنۇپ كىرىمەن رەت-رەت.
قەلبىمگە ئىز سالغان ئىدىڭ بىر چاغدا،
شۇ شېرىن دەملەرنى ئەسلەيمەن ئەبەد.

شۇ شېرىن دەملەرنى ئۇنتۇمىقىم تەس،
ئىشقىڭنىڭ ئوقلىرى يۈرىكىمدە بار.
شامالدىن سورايمەن مۇھەببەتنى ھەم،
سەنمۇ ھەم شامالدىن سالام يوللا، يار.

سەنمۇ ھەم شاماللاردىن سالام يوللا، يار،
سالاملار ئۈزۈلمەي تۇرسۇن مەڭگۈگە.
گۈزەل چۈش بولسىمۇ كەچمىشلىرىمىز،
لېرىك كۈي قوشقۇسى ھايات كۈيىگە.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش