2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.3% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.02 / 0.08 / 0.08
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 7 سائەت 15 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3548ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

يۇرت سۆيگۈسى

sarki 5 ھېكمەت

لېتىپ خالىق

ئانا دەيمەن، سېنى گۈل دىيار،
مېھرى ئوكيان مېھرىبانىمسەن.
پەپىلەيسەن باھارىڭ بىلەن،
چېكەمدىكى گۈل-چېچەكىمسەن.

ۋۇجۇدۇڭدىن ئوتقاش ھارارەت،
سىڭىپ كىرگەچ جىسمىمگە، ئانا.
قەلبىمدىكى ئۆچكەن ئۈمىدنى،
يېلىنجاتتى يالقۇن بوپ يانا.

جاھان ئەھلى بىلگەچ نامىڭنى،
ئوت ماكانى – سۆيگۈ ئوتى، دەپ.
ئۇزلۇقۇڭدا يانغان قەلبلەر،
تەلمۈرىدۇ سۆيگۈڭنى تىلەپ.

مەن بەرمەيمەن ئۆزگىگە سېنى،
تېگىشمەيمەن جەننەتكىمۇ ھەم.
مەن پەرزەنتىڭ، سۆيگۈڭ ماڭا خاس،
مەنزىلىمدە شەرەپ-شانىم جەم.

گۈل دىيارىم گۈللىگىن يەنە،
خەلقىم كۈتەر نۇرلۇق كېلەچەك.
ئۇتۇقلاردا كۈتىمەن سېنى،
سۆيگۈم بىلەن تىزىپ گۈل-چېچەك.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش