2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.13 / 0.1 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 19 سائەت 44 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3313ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

ناخشامنىڭ يامغۇرلۇق ئايدىڭ كېچىسى

sarki 9 ھېكمەت

ئەخەت ئىسمائىل تەركى

كۆرۈنمەس ئاسماندا ئالىقانچە بۇلۇت،
ۋە لېكىن سىمىلداپ ياغماقتا يامغۇر.
تۆكۈلگەن ياپراقنىڭ يېشىل ئاۋازى،
يوللارنىڭ چۈشىدە ئۇچىدۇ پۇر-پۇر...

خىيالىم ئولتۇرار ئاينىڭ تېنىدە،
قاپقارا نۇرلارغا پۇتىنى چىلاپ.
كۆزۈمگە چېكىتتەك كۆرۈنەر زېمىن،
يۇلتۇزلار بېشىمدا تۇرىدۇ قاۋاپ.

بۇ كېچە بىر ناخشا ئېيتقۇم كەلمىدى،
مۇز تۇتقان كارىۋاتتا ياتقۇم كەلمىدى.
ناخشامنىڭ يامغۇرلۇق ئايدىڭ كېچىسى،
مەن كەلدىم يېنىمغا ھېچكىم كەلمىدى.

يامغۇرنىڭ سۈيىنى ئىچتىم قانمىدىم،
لاۋۇلدار يۈرىكىم ئەزەلدىن-ئەزەل.
ئاھاڭلار كەينىدە يىغلاپ ئولتۇرار،
ئاھ، مېنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلمىگەن گۈزەل.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش