2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى51.8% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0 / 0.06 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 0 سائەت 44 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3784ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

ئانا ئۈمىدى

sarki 5 ئائىلە ۋە تەربىيە

ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى

كۆزلەر چەكچەيگەن، لەۋلەر قۇرىغان،
بەدەن ھالسىراپ قانمۇ ئاز قالغان.
ئۈمىد بېغىشلاپ تولغاقنى قىستاپ،
ئانا باغرىدا تىپىرلار بىر جان.

چىشىنى چىشلەپ غەيرەتكە كېلىپ،
ئانا بېرىدۇ ئاغرىققا بەرداش.
ياندا تۇرغانلار يۇم-يۇم يىغلايدۇ،
مۇمكىنمۇ ئاخىر ئازابقا چىداش.

تىلەك تىلەشتى باغرى يۇمشاقلار،
ئۆتتى بىر مەھەل تاڭمۇ يورىدى.
بوۋاق يىغىسى ئاڭلانغان چاغدا،
بارچە دىللارنى شادلىق ئورىدى.

ئانا قەلبىدە ھاياجانلىق ھېس،
ۋايساش كۈلكىگە شۇئان ئالماشتى.
نەلەرگە كەتتى ئەندىش-تەشۋىشلەر،
بەخت نۇرىدىن كۆزلەر قاماشتى.

شۇنىسى ئېنىق پەرزەنت ئانىنىڭ
ھايات يىلتىزى، يۈرەك پارىسى.
ئامان تۇغۇلسا، ساغلام چوڭ بولسا،
ئانا ئۈچۈن شۇ بەخت سېيماسى.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش