2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.53 / 0.19 / 0.12
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 23 سائەت 39 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3781ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

بەشكېرەم

sarki 5 ھېكايە

ئابدۇرېشىت بارات ئويغاق

قەدىمىي شەھەر قانات بەرگەن،
بېھىشكە ئەنداز بولۇپ غۇلاچ كەرگەن.
نە ئەۋلىيا، باھادىرلار ياشاپ كەلگەن،
قىسمەتلىرىڭ دىللىرىمنى لال قىلىدۇ.

ھەر كوچاڭدىن قۇياش كۈلۈپ پارلاپ تۇرار،
باغلىرىڭنى ئىپار ئەنبەر پارلاپ تۇرار.
شورىلاردىن ئەنجۈر، ئۈزۈم مارىلاپ تۇرار،
نېمەتلىرىڭ دىللىرىمنى لال قىلىدۇ.

پۇتلىرىمغا تېشىڭ پاتسا شادلىنىمەن،
تۇپرىقىڭغا ئېغىنايمەن، تاشلىنىمەن.
ھىجران بەرسەڭ مەيلى كۈلۈپ شادلىنىمەن،
ھېكمەتلىرىڭ دىللىرىمنى لال قىلىدۇ.

سەندە بولغاچ مېنىڭ سەبىي كەلمىشلىرىم،
سۆيۈپ ئوينار سەندە مېنى كەچمىشلىرىم.
كۈلەر ئىدىم سەندە بولسا كەتمىشلىرىم،
خىسلەتلىرىڭ دىللىرىمنى لال قىلىدۇ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش