2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى55.9% · 4.2 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.03 / 0.11 / 0.17
داۋاملىق يۈگۈرگەن 164 كۈن 12 سائەت 38 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
646ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

كۈندە 10 ماقال-تەمسىل-15

sarki 1 تەرمىلەر

توشقان ئۆلسە تۈلكە ھازا تۇتۇپتۇ
مەنىسى: بىراۋنىڭ پايدا مەنبەئەسدىن ئۇشتۇمتۇت ئايرىلىپ قالغاندا ھەسرەت چېكىشىنى كۆرسىتىدۇ.
توق ئىت ئاچ ئىتنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپتۇ
مەنىسى: پۇلى، ھوقۇقى بار كىشىلەرنىڭ نامراتلارنى ۋە ئاجىرلارنى بوزەك قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
توكۇر ئۇسسۇلچى ، كېكەچ غەزەلچى
مەنىسى: بەزىلەرنىڭ ئىقتىدارى يوق تۇرۇپ، قىلالمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن زورۇقۇپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.
توغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ
مەنىسى: ئەھمىيىتى يوق ئىشلار ئۈچۈن بىھۇدە ئاۋارە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
تول خوتۇننىڭ چۈشىگە ئەر كىرىدۇ، باينىڭ چۈشىگە يەر
مەنىسى: ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىدە يوق نەرسىنى قولغا كىرگۈزۈشنىلا ئويلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
چاپاق خوتۇننىڭ جىرتاق ئېرى بار، ياغاق ئاتنىڭ مايماق ئىلگىرى (بار)
مەنىسى: ھەرقانداق ئادەم ۋە نەرسىنىڭ ئۆزىگە ماس كەلگەن جۈپتى بولىدۇ دېگەنلىك.
چاپسان بول دېسە، زاغرامنى يەۋالاي دەپتۇ
مەنىسى: بەزى ئادەملەردىكى ھورۇنلۇق، بىغەملىكنى كۆرسىتىدۇ
چاپاقنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇماس، ماڭقىنىڭ بۇرنىدىن قاقاچ
مەنىسى: چاتىقى بارئادەم ھامان چاندۇرۇپ قويىدۇ.
چاپىنىمدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق
مەنىسى: بەزى ئادەملەرنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا باقماي سۆلەتپەرەسلىك قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە، مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىپتۇ
مەنىسى: بەزى ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە-ئۆزى بالا تاپىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: ئابدۇخالىق ئەمەت)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش