2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.4% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.04 / 0.09 / 0.03
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 18 سائەت 53 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3280ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

ئاشىق ئىلتىجاسى

sarki 20 مۇھەببەت

تىلىۋالدى سىدىق

مەن سېنى سۆيگەنىم دېگەن چېغىمدا،
شىرىندۇر خىيالىم ماكانىم پىنھان.
ۋولقانلار كۇۋەجەر ئوتلۇق تېغىمدا،
مەن ئۈچۈن يارالغان قەلبىڭگە تامان.
تومۇرۇڭ تۇتاشتۇر مېنىڭ قەلبىمگە،
ئېسىركەپ تۇرارمەن سېنى ھەر زامان.

تەقدىرىم تېغىغا كۆمۈلگەن نېمە؟
قىسمىتىم ئەينىكى كىمگىدۇر ئايان.
سۆيۈشنىڭ تەپتىدە تۇرساممۇ يەنە،
پۇچۇلاپ يۈرەكىم ئاشارمەن داۋان.

گۈلۈمسەن بۇلبۇلنى بىۋاپا دېمە،
سۆيۈشنى بىلمەسلىك ھەممىدىن يامان.
شاماللار قىيغىتسا ئەلۋەك سۇدىكى،
قومۇشنىڭ باشىنى ئەركىن سىلكىتىپ.

پەرىشتە قەلبىدە شۇنداق سېزىمكى،
قومۇشنىڭ ناخشىشى كەپتۇ دە يېتىپ.
قومۇشنىڭ ناخشىسى بۇلبۇلگوياكى،
پەرىشتەم كەل دېگەن كۈيىنى ئېلىپ.
مىنگىشىپ سەيرىدە گۈركىرەر شامال،
چىمەنلىك باغىدا مەغرۇردۇر چىنار.

لاتقىنىڭ باغرىدا«گۈل بىلەن ئارال»
خۇشاللىق ياشىغا ئىزنادۇر ئامبار.
ئۆتمۈشكە ئايلاندى بولمايلا مالال،
ئون سەككىز پورەكلىك مايدىكى باھار.

گۈل ئۈچۈن تىكلەنگەن ھەيۋەتلىك چىنار،
دەستىگە پۈتۈلدى ھېجىران گەردىشى.
يىلتىز ۋە غولىدا يوقتۇر ھېچ شۇئار،
قەبرىگە پۈتۈلدى سۆيگۈ قىسمىتى.
ئايازنىڭ قوينىدا كەلسىمۇ باھار،
ھازىغا ماتەمدۇر ككپكۈك ھەيۋىتى.

كۆزۈمدە تارام ياش قەلبىمدە ھەسرەت،
بىھۇشلۇق دەستىدە كۈنلەر خىرامان.
يارالمىش قىسمەت دەپ قىلارمەن نەپرەت،
سۆيۈشكە مىڭ ئازاپ قىلغاچقا ئارمان.
سايرايدۇ ئەي گۈلۈم بۇلبۇلۇڭ پەقەت،
مۇجۇلغان يۈرەكنى پەپىلەپ ھامان.

يارالمىش قىسمىتى غەمخانە بولۇپ،
كىندىكىڭ كېسىلگەن بولسىچۇ كېيىن.
ئاشىقنىڭ يىغىسى دەريادەك بولۇپ،
تىك قىيا ھاڭلارمۇ بولسىكەن ئېقىن.
نىگارىم ۋەسلىگە زىمىن باش ئۇرۇپ،
كۆكتىكى يۇلتۇزمۇ بولسىكەن يېقىن.

2010-يىلى 4-ئاي (ئاقتۇ)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش