2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى7.5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0 / 0.02 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 21 سائەت 23 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3414ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

سىز بۇ ئۈچ كىشى ئىچىدىن كىمنى تاللايسىز ؟

sarki 6 ھېكايە

گۈلجەننەت جاپپار تەرجىمىسى
بىرىنچى كىشى : يولغا چىقىش ئالدىدا سىزنى كەتمەسلىككە دەۋەت قىلىپ قولىڭىزنى تۇتۇپ يىغلاپ تۇرۇپ سىزنىڭ پات – پات تېلىفۇن قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى تاپىلايدۇ ، ئاندىن ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا داۋاملىق تور ئويۇنى ئويناشقا كىرىشىپ كېتىدۇ ؛
ئىككىنچى كىشى: سىزگە ياردەملىشىپ يۈك – تاقىلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇشۇپ بېرىدۇ ۋە سىز ئۈچۈن ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىدۇ . ئۇ سىزنى بېكەتكە ئۇزاتقىلى چىققاندا : ئاق يول بولسۇن دەيدۇ ، ئاندىن قايتىپ كېلىپلا خىزمەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ ؛
ئۈچىنچى كىشى: جىمجىت ھالدا كەينىڭىزدىن قاراپ تۇرۇپ قالىدۇ ، سىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ھېس قىلالمايسىز ، ئەمما ئۇ پات – پات سىزنى ئەسلەپ تۇرىدۇ ، سىزنىڭ غېمىڭىزنى قىلىدۇ ، ئۇ ھەر كۈنى سىزنى ئويلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قېلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان .
سىز قايتىپ كەلگەندە قانداق قىلىسىز ؟
بىرىنچى كىشى :نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئالغاچ كېلىسىز ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماققا چىقىسىز ، بىللە ئوينايسىز ، ئۇنى كۆرسىڭىزلا كۆڭلىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ ، ھەتتا ئاسماندىكى ئاپئاق بۇلۇتلارمۇ ھەسەن – ھۈسەندەك كۆرۈنىدۇ .
ئىككىنچى كىشى :ئۇنىڭ بىلەن قۇچاغلاپ كۆرۈشۈپ ئائىلىدە ئۇ تەييارلىغان تاماقنى يەيسىز ، بىللە چىنە – قاچىلارنى يۇيىسىز ھەم ئۇنىڭ سىزگە ھەمراھ بولۇپ تىلۋىزور كۆرۈشىنى تەلەپ قىلىسىز ،ئۇ يېنىڭىزدا بولسا ئۆزىڭىزنى بەخىتلىك ھېس قىلىسىز ؛
ئۈچىنچى كىشى : ئۇنىڭغا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ، ھەي ! مەن قايتىپ كەلدىم دەيسىز ، ئەمما ئاراڭلاردا چوڭقۇر سۈكۈت ھۆكۈم سۈرگەن ؛
سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز ؟
بىرىنچى كىشى : ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىڭىزنى ئىنتايىن مەنىسىز ھېس قىلىسىز ، ئاندىن يەنە بىر جايدىن مەنىلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىپ يېڭى تۇرمۇشىڭىزنى باشلايسىز ؛
ئىككىنچى كىشى : ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ يۆلەنچۈكىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ، ئەمدى سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم قالمىغاندەك ھېس قىلىسىز ، ئۇزاق ئۆتمەي نۇرغۇن ئوزۇقلۇق تولۇقلايدىغان يىمەكلىك ۋە دورىلارنى سېتىۋېلىپ ئەسلىدىكى ھالىتىڭىزگە تېزلا قايتىپ كېلىسىز ؛
ئۈچىنچى كىشى : يېڭى باشلانغاندا ھېچنىمىنى ھېس قىلالمايسىز ، ئەمما بىر كۈنى ئۆزىڭىزنى ئوراپ تۇرغان قانداقتۇر بىر مۇھەببەتنىڭ يوقالغانلىقىنى ھەم ئۇنى مەڭگۈ تولدۇرۇپ ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى پۇشايمان ئىچىدە ھېس قىلىسىز ؛
سىز ھازىر نېمىلەرنى بىلدىڭىز ؟
بىرىنچى خىل ھېسىيات : بۇ دوستلۇق بولۇپ ، سىرداش ئەمما قىسقا ۋاقىتلىق بولىدۇ .
ئىككىنچى خىل ھېسىيات : ئاتا – ئانا بولۇپ ئۇلار سىز ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدۇ .
ئۈچىنچى خىل ھېسىيات : ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز، سىرداش ھەم مەڭگۈلۈك بولىدۇ .
سىز ھازىر نېمىلەرنى چۈشەندىڭىز ؟
بىرىنچى خىل كىشىنىڭ بېرىدىغىنى : تاتلىق تىل ؛
ئىككىنچى خىل كىشىنىڭ بېرىدىغىنى : ۋاقىت ؛
ئۈچىنچى خىل كىشىنىڭ بېرىدىغىنى : مۇھەببەت
بۇلارنىڭ ئىچىدە بىز ئەڭ ياخشىسىنى تاللاشقا ئامالسىز ، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ، دۇنيادا مۇكەممەل شەيئى يوق ، چۈنكى بىز ئادەم ، ئەگەر سىز بولسىڭىز بۇ ئۈچ كىشىنىڭ قايسىسىنى تاللايتتىڭىز ؟

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش