2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.8% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.2% · 96.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.11 / 0.12 / 0.1
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 20 سائەت 37 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3372ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

ئاجرىشىش قىلتىقى

sarki 6 ھېكايە

ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بوۋاي نيۇ يوركتىكى ئوغلىغا تېلېفون قىلدى .
-ئوغلۇم، ئەسلى سېنى پاراكەندە قىلماي دېگەن ، بىراق بىر ئىشنى ئېيتمىسام بولمىدى ، ئاپاڭ بىلەن ئاجرىشىپ كېتەي دەيمەن . بىز توي قىلغىلى 35 يىل بوپتۇ ، مەن بۇ تۇرمۇشتىن جاق تويدۇم .
-دادا، نېمە دەيدىغانسەن،- دېدى ئوغلى ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا.
-ئاپاڭ ئىككىمىز بىر بىرىمىزنى كۆرەرگە كۆزىمىز قالمىدى،-دېدى بوۋاي ،-بۇ ئىشنى تىلغا ئالغۇممۇ يوق ، شۇڭا سېنى شياڭگاڭدىكى ھەدەڭگە تېلېفون قىلىپ ، ئەھۋالنى ئېيتىپ قويامدىكىن دېگەن ئىدىم .
بوۋاينىڭ ئوغلى دەرھال ھەدىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتتى ، ھەدىسى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ئاچچىقىدا چېچىلىپ سۆزلەپلا كەتتى .
-ئۇلار بىر ئوبدان ئۆتۈۋېتىپ، نېمىشقا ئاجرىشىشنى ئويلاپ قالغاندۇ . بۇ ئىشقا قاراپ تۇرساق بولمايدۇ.
ئۇ دەرھال بومبايدىكى ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ ، دادىسىغا:
-سىلەر ئاجراشماي تۇرۇڭلار، ھىچبولمىغاندا ئىنىم ئىككىمىز ئۆيگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئاجراشماڭلار . ھىچ ئىش قىلماي ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، ئاڭلىدىڭىزمۇ،-دېدى.
بوۋاي تۇرۇپكىنى جايىغا قويۇپ ، ئۆرۈلۈپ مومىيىغا قارىدى ۋە:
-ئەمدى بولدى ، ئىش ھەل بولدى دېگەن گەپ ، ھەر ئىككىلىسى بىزنىڭ توي خاتىرە كۈنىمىزگە قاتنىشالايدىغان بولدى،-دېدى.
بۈگۈنكى كۈندە ، ھەممە ئادەم بەك ئالدىراش ، ئەمما ئۆزىڭىز خالىسىڭىزلا چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاپ كېلەلەيسىز.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش