2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.9% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.35 / 0.18 / 0.12
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 20 سائەت 37 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3379ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

زەر قۇياش چېھرىڭگە سۆيسۈن گۈلۈم

sarki 6 ھېكمەت

ئەنۋەر ھىدايەت

ئېلىۋەت رومالنى ئايدەك يۈزۈڭدىن،
گۈل يۈزۈڭ كۈن كۆرۈپ ئېچىلسۇن، گۈلۈم.
ھويلاڭدا ئاھۇلار مەشرەپ ئوينىسا،
يۇلتۇزلار بېشىڭغا چېچىلسۇن، گۈلۈم.

ئېلىۋەت رومالنى ئايدەك يۈزۈڭدىن،
بۇلاقلار كۆزۈڭدىن ئويغانسۇن، گۈلۈم.
بىر كۆرۈپ قاراپلا ئۇزۇن چېچىڭنى،
مەجنۇنتال چىدىماي تولغانسۇن، گۈلۈم.

ئېلىۋەت رومالنى ئايدەك يۈزۈڭدىن،
زەر قۇياش چېھرىڭگە سۆيسۇنە، گۈلۈم.
غۇنچىدەك بويۇڭنى ئەگىپ شاماللار،
ئىشقىڭدا پەرھادتەك كۆيسۇنە، گۈلۈم.

چېكەڭگە رەڭگارەڭ چېچەك قىستۇراي،
نەۋ باھار پەيزىگە چۆمگىنە، گۈلۈم.
ئاۋازىڭ بۇلبۇلنى ھەيرەتتە قويسۇن،
جاھاننى كۈلكەڭگە كۆمگىنە، گۈلۈم.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش