2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.4% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0 / 0.02 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 21 سائەت 24 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3423ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

تۇمار پۈتۈش

sarki 6 ھېكايە

مەھمۇد ھېيت مەھدى

بىر ئارزۇ ئىچىمدىن چىقتى بۇلدۇقلاپ...
ئاھ، ئۇنىڭ شەكلىنى بۇلاقتىن ئالدىم.
كۆكسۈمگە ئۇرۇلغان مەيىن شامالدىن،
پىچىرلاپ ئولتۇرغان قىزنى ئاڭلىدىم.

بىر ئاتەش يۈرەكنى ئىللىتىپ ئۆتتى...
ئايلىناي، كۆزلەردە تۇرغان گۈلخاندىن.
ئىككى تەن مۇساپە، تۇتىشار يوللار
ئايلىناي، تىترىشىپ تۇرغان لەۋلەردىن.

مىڭ يۇلتۇز ئىچىدە تەنھا ھىلال بار
ئۇپۇققا ئايلاندىم تالاي ئاخشىمى.
ئايلىناي، كېچىنىڭ جىمجىتلىقىدىن،
ۋارقىراپ ئېيتقۇم بار ئاشۇ ناخشىنى.

ئوڭ قولۇم، ئون قولۇم تەلپۈنەر ساڭا...
ئالقىنىم ئىچىدە بىر تال ئەتىرگۈل.
ئايلىناي، سىغمىغان تىلەكلىرىمدىن،
مۇھەببەت ئىلكىدە ئېرىگەن كۆڭۈل.

بىر تۇمار، بىر خۇمار ساڭا ئىنتىلىش،
يۈرەكنىڭ ئىچىگە ئاتنى باغلىدىم.
ئايلىناي، ھىجراننىڭ قاراملىقىدىن،
قۇياشلىق كۈنلەرنى ۋىسال چاغلىدىم.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش