رۇبائىيلار (3)
ئەلى تۇراق ئەلتۈمەن
1
كۆڭۈل ئاتتۇر، ئەخلاق ئۇنىڭ يۈگىنى،
يۈگەنسىز ئات تۇتۇق بەرمەس ھامىنى.
تاي ۋاقتىدا يۈگەنلەنسە، شوخ ئاتمۇ
ئەسلا بۇزماس چاپچىسىمۇ پەيلىنى.
2
ھەر ئىشقا يولىدا ئەقىل-دىت كېتەر،
ئىدىتلىق ئادەملا مەقسەتكە يېتەر.
ئەقلىنى ئىشلەتمەي يولدىن ئازغانلار
ئاقىۋەت پۇشايمان، دەرد-ئەلەم چېكەر.
3
ھەر ئىشنىڭ بىر كۈنى بولار سورىقى،
يولۇڭغا يورۇتقىن ئىبرەت چىرىغى.
يامانلىق ئوخشايدۇ چىرىگەن گۆشكە،
يوشۇرساڭ بەرىبىر چىقار پۇرىقى.
4
ھەر ئىشنىڭ چېكى بار، جاپانىڭمۇ ھەم،
نۆۋىتى كەلگەندە ئالار ھەممە دەم.
كۈنۈڭنى بېزىسەڭ قان-تەرىڭ بىلەن،
غالىبسەن، قىلچىمۇ باسالمايدۇ غەم.
(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)
تېخى باھا يوق