رۇبائىيلار (2)
ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن
1
تەسەۋۋۇر قۇشىنى پەرلەپ كۆڭۈلنىڭ كەڭرى ئاسمانى،
سەھەردە ئولتۇرۇپ تەنھا پۈتەرمەن سۆيگۈ داستانى.
ئۆزۈم چاڭقاشتا كۆيسەممۇ، سۇغارسام قانۇ-تەرىمدىن،
جۇلالاپ خۇشپۇراق چاچقاي ئىجاد ئوغلى گۈلىستانى.
2
نۇرەفشانلىق ئارا قەلبىم جاۋاھىرغا توشاق كاندۇر،
ئىجادىمدا زەپەر قۇچماق ماڭا ئالىي شەرەپشاندۇر.
مۇشەققەتكە ئېرىشكەن پۇرسىتىمنى چىڭ تۇتۇش ئەھدىم،
ئۆمۈر باقى ئەمەس چۈنكى جېنىم جىسمىمغا مېھماندۇر.
3
فەلەكنىڭ جەبرىسى جىسمىمنى ئەجدىھا غارىغا ئاتتى،
قوشۇپ دەردىگە دەرد، زەخمى يۈرەكنىڭ تۆشىگە پاتتى.
ئۆلۈپ ھىجران ئازابىدا، تىرىلدىم سۆيگۈدىن قايتا،
نىگارىم مەلھىمى كۆكنارىدىن جىسمىمغا جان قاتتى.
(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)
تېخى باھا يوق