2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.4% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.3% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.43 / 0.41 / 0.22
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 20 سائەت 39 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3385ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

رۇبائىيلار

sarki 7 تەرمىلەر

ئابدۇللا ياقۇپ

بولسا كىم مۇستەھكەم قورغىنى ئەلنىڭ،
دىل سۆيەر ئاشۇنداق دوستىنى ئەلنىڭ.
قايسىبىر نائەھلى مۇشت ئاتسا ئەلگە،
يەيدۇ ئۇ مىڭلىغان مۇشتىنى ئەلنىڭ.

ئاۋامچۈن باغدا لالە ئايناتقىنىڭ،
كۆڭلىنى بۇلبۇل قىلىپ سايراتقىنىڭ.
بېشىڭغا ئېلىپ كېلەر ئاپەت-بالا،
ئۇنىڭ ئۆچ-نەپرىتىنى قايناتقىنىڭ.

يول تاپقاندا يولى يوقنى ئۇنۇتما،
پۇل تاپقاندا پۇلى يوقنى ئۇنۇتما.
ھۇزۇرلانساڭ گۈزەل ئالتۇن سارايدا،
تاملىرىنىڭ ئۇلى يوقنى ئۇنۇتما.

ئايرىيدۇ ياخشىنى، ياماننى خەلق،
ئالتۇن دان دېمەيدۇ ساماننى خەلق.
ياخشىنى قوللايدۇ بېشىغا ئېلىپ،
يامانچۈن كۆتەرمەس چاپاننى خەلق.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش