2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.1% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.3% · 98.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.01 / 0.05 / 0.07
داۋاملىق يۈگۈرگەن 228 كۈن 4 سائەت 49 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.216.151
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3858ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

تەكلىماكان سۆيىمەن سېنى

sarki 5 ھېكايە

ئابىلجان ھېيت

كۆيگەن يوللار كەلگەن مەلەڭگە،
ئۇزاق يىللار سېغىنىپ سېنى.
سۆيەلمىدىم، كۆرەلمەي كەتتى
ئۈمىدلىرىم ھەتتا قاراڭنى.

تونۇۋالدى مەلەڭ ھايالسىز،
سۇ سېپىلگەن يوللىرىڭ ئاندىن.
ئىشىكىڭنى ئاچتى شاماللار،
پەقەت سەنلا بەرمىدىڭ ئايدىڭ.

قوينى كەڭرى تەكلىماكاننىڭ،
جاھان سىرى سىڭگەن قۇملارغا.
ھەر دانىسى بىر ئالەم ئىدى،
سىغار ئىدى كۆڭلۈم قۇرلارغا.

قىسمەت ئوتى شۇنداق ئوتمىدۇ،
ياكى تەقدىر سەندىن ۋاپاسىز.
سۆيەلمەسلىك پېشانەممىدۇ،
لېۋىڭدە مەن قالدىم ئاداسىز.

ئارىمىزدا ياتار چوڭ ھىجران،
سەندە ئۇنتۇش، مەندە تەلمۈرۈش.
تەكلىماكان چېھرىدە قالدى،
سېنى ئىزدەپ كەلگەن بىر كۆيۈش!

مۇھەببەت كۆپ تەنھا دۇنيادا،
ھەر زاماننىڭ سۆيگۈ بانىسى.
تامچە قۇمدا قالدى بىر مۇقام،
تەكلىماكان سۆيىمەن سېنى...

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش