2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.5% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.1 / 0.04 / 0.01
داۋاملىق يۈگۈرگەن 164 كۈن 9 سائەت 10 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
628ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

بەرداشلىق بېرىش، دائىم ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىدۇر

sarki 1 ھېكايە

1947-يىلى، ئامېرىكىلىق سېمو كېرىي يەرلىك پارتىزانلارنىڭ ئورمانزارلىقتىكى قالدۇق ياپون ئەسكەرلىرىنى تازىلاشقا قاتنىشىش ئۈچۈن فىلىپپىنغا كېلىدۇ. بىر كۈنى، ئۇلار ۋېجىك ياپون ئەسكەرلىرىدىن سەككىزنى تېپىۋالغان بولۇپ، بۇلار ئەڭ ئاخىرىقى ئامان قالغۇچىلار ئىكەن.
سېمون كېرىي ھەيرانلىق ھالدا ئۇلاردىن سوراپتۇ:
- ھەمرىيىڭلار قېنى؟ نېمە چۈن سىلەرلا ئامان قالدىڭلار؟
- ھەممىسى ئورمانلىقتىكى نەرسىلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى-دېدى بىر ئەسكەر چوڭقۇر ئاھ ئۇرۇپ. ئەسلىدە، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، 34 نەپەر ئەسەر ئىپتىدائىي ئورمانزارلىققا مۆكۈۋالغانىكەن. ئۇلار تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن يېمەكلىكلىرىنى تۈگىتىۋەتكەن بولۇپ، پەقەت ئامان قىلىش ئۈچۈن ئامال تېپىشقا توغرا كەپتۇ.
بۇ ئورمانزارلىقنىڭ ھەممىلە يېرىدە بانان دەرىخى بار بولۇپ، دەسلەپتە كۆپچىلىك بانان يەپ ھايات كەچۈرشۈپتۇ. ئەمما بارا-بارا بەزىلەر زېرىكىشكە باشلاپ، باشقا ياۋا مېۋىلەرنى ئۈزۈپ يەپتۇ ياكى ياۋا توشقان، كەسلەنچۈك قاتارلىق ھايۋاناتلارنى تۇتۇپ قورسىقىنى تويغۇزۇپتۇ. پەقەت بۇسەككىز ئەسكەر باشتىن-ئاخىر يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئۇدا بانان يىيىشكە بەرداشلىق بېرىپتۇ. باشقىلار ئۇلارنى ئەقىلسىز دەپ مەسخىرە قىلىشىپتۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بەزىلەرنىڭ زەھەرلىك ياۋا مېۋىلەرنى يەپ زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ياكى ياۋايى ھايۋاناتلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈچلۈك ئەكىس-تەسىر سەۋەبىدىن جېنىدىن جۇدا بولغانلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان....
سىرلىق تروپىك يامغۇرلۇق ئورمىنىدا، بەلكىم بانان يىيىش ئەڭ ئاقىنلانىلىك ياشاش ئۇسۇلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ شەھشۆبىسىزكى ئەڭ بىخەتەرلىك ئۇسۇلدۇر. سېمو كېرىي بۇنىڭدىن ئىلھام ئالىدۇ. ۋەتەنگە قايىتقاندىن كېيىن، ئۇ دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ماشىنىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتقا كىرىشىدۇ. يىرىك پىلان تۈزگەن ۋاقتىدا، ئۇ پەقەت بىر ئېغىز گەپ، يەنى «دۇنيادىكى ھېسابلاش سۈرئىتى ئەڭ تېز ھېسابلاش ماشىنىسى ياساپ چىقىش»دىن ئىبارەت بۇ سۆزنى يازغان. بۇندىن كېيىنكى 40 يىل مايەيىنىدە، ئۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى ترانزىستورلۇق دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ماشىنىسىنى لايىھەلەپ ياساپ چىقىپ، «دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ماشىنىسى ئاتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ: - كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئاددىي بەرداشلىق بېرىش، دائىم ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىدۇر.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش