ئەتىنىڭ كەينىدە يەنە ئەتە بار
ھاياتلىق ئازاب ۋە خۇشاللىقتىن پۈتۈلگەن. ۋاقىت ھەرقاچان يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۆلىنىشى مەڭگۈ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر سىز ئەتىنىڭ كەينىدىن يەنە بىر ئەتىنى كۆرەلىسىڭىز، ئۇنداقتا مەزمۇت ياشاڭ. ئەتىنىڭ كەينىدە يەنە بىر ئەتە بار، بۈگۈن خاپىلىق تارتقان بولسىڭىز،ئەتىنى خوشال ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ. كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن بۈگۈنىڭىزنىمۇ، ئەتىڭىزنىمۇ خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلىشىڭىز ھاجەتسىز. ئادەملەردە ھايات ۋە ماماتتىن ئىبارەت ئىككى خىل مەۋھۇم ھالەت بار. بەزىلەر ياشاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۆلۈمىنىڭ قانداق بۇلىشىنى ئويلايدۇ.
توغرا، ئەتىنىڭ كەينىدە يەنە ئەتە بار. بىز ئەنە شۇ ئەتىدىكى ئۈمىد ئۈچۈن ياشايمىز. ئەتىنىڭ ئەتىسى بىزگە نۇرغۇنلىغان ئارزۇ-ئىستەك ۋە ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلىدۇ. يىراقلارغا نەزەر تاشلاڭ، شۇ چاغدىلا قەلبىڭىزنى چىرمىۋالغان ئىسكەنجىدىن قۇتۇلغاندەك ھېس قىلىسىز. ھاياتلىقتا قايتىلىنىۋاتقان شۇ ئەتىنى ئالقىنىڭىزدا تۇتۇپ تۇرالىسىڭىزلا، ھاياتىڭىزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تونۇپ يېتەلەيسىز.
(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)
تېخى باھا يوق