2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.9% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.13 / 0.04 / 0.01
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 18 سائەت 47 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3261ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

ئۇستاز نۇرلۇق قۇياش

sarki 12 ھېكايە

ئابدۇشۈكۈر راشىدىن

قەلبىم قەسىرىدە نۇرلۇق بىر سېما، ئۇ بولسىمۇ مۇئەللىم ئانا.
بەكمۇ ئۇزاق–ئۇزاقتىن بۇيان، كۆڭلۈمدە بىر سېما ئورنى بىپايان، ھەر كۈي مىسرا-تىنىقلىرىمدا بىر خىسلەتنى قىلىپ نامايان، بىر ھېكمەتنى قىلىدۇ بايان.
شۇنىڭدىن بۇيان قەلبىم كۆكىدە، مۇئەللىم ئىسمىڭنى قىلغاندا زىكرى، يېلىنجاپ يانىدۇ قۇياشتەك بىر ئوت، كۈۋەجەپ ئاقىدۇ بىر ئەزىم دەريا، يېقىشلىق سۆيىدۇ بىر ئىللىق شامال، ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ كۆكتە يۇلتۇزلار، بۇ قانداق كۈي، ئېيتقىنا ئانا؟ ئېيتقىنا سۆيۈملۈك دۇنيا؟
سۈبھى دەمدىن رەڭدار لەگلەكتەك، قانات قېقىپ چىققان قايسى قۇش؟ قاچان ساڭا تىل چىقتى تاغلار، قاچان ساڭا تىل چىقتى جىرا، قاچان ساڭا تىل چىقتى باغلار، قاچان نېسىپ بولدىكىن ساڭا، بۇنداق ئېسىل ناخشىنى ئوقۇش؟ شۇ ناخشىنىڭ ھەر بىر كۈيىدە، ئۇستاز ئۈچۈن ھەدىيە ئوقۇش! بۇ قانداق كۈي، ئېيتقىنا ئانا؟ ئېيتقىنا، سۆيۈملۈك، ۋاپادار دۇنيا؟
مۇئەللىم، تەرىپىڭنى قىلغانچە قانچە، ئۇلغايماقتا مۇھەببەت شۇنچە، گۈل رەڭگىدە نازلىنىپ دۇنيا، كۆرۈنمەكتە بېلى مۈكچەيگەن، ئاپئاق چاچلىق چاللارمۇ بەرنا. ئايلانماقتا كۆز ئالدىمىزدا، ئالمىچىلىك ئالەمگە دۇنيا. بۇ قانداق كۈي، ئېيتقىنا ئانا؟ ئېيتقىنا، سۆيۈملۈك، مېھرىبان دۇنيا؟
مۇئەللىم، زىكرى قىلسام نامىڭنى قانچە، سۆيۈنىدۇ يۈرىكىم شۇنچە. چۈنكى سەن بار قۇياشلىق ئالەم، چۈنكى سەن بار ئادەمدەك ئادەم. چۈنكى سەن بار ئالەمدەك ئالەم. چۈنكى سەن بار بېخىللار ھاتەم. بۇ قانداق كۈي، ئېيتقىنا ئانا؟ ئېيتقىنا، سۆيۈملۈك، خىسلەتلىك دۇنيا؟
مۇئەللىم، سۈبھىدىكى ئوتلۇق قۇياشقا ئوخشاپ كېتەر سېنىڭ يۈرىكىڭ، ئوخشاپ كېتەر قۇياش نۇرىغا بىزدىن كۈتكەن ئۈمىد-تىلىكىڭ. بۇ قانداق كۈي، ئېيتقىنا ئانا؟ ئېيتقىنا سۆيۈملۈك، كۆيۈمچان دۇنيا؟

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش