2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52.2% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82% · 98.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.04 / 0.08 / 0.07
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 11 سائەت 57 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3805ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

ئۆتمەكتە ئالدىمدىن يېگانە ھىلال

sarki 4 تەرمىلەر

مەلىكە مۇھەممەت ئايزىت

كۈز بۇلۇتى ئۆرلىگەندە پەرىشان،
سۈكۈتكە چۆمىدۇ بىر ئەزىم خىيال.
تىمتاسلىق ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ،
يامغۇرنىڭ يولىنى ئەگىيدۇ شامال.

ئۆزگىچە تۇيغۇنى سۆزلەيدۇ لەيلەپ،
يامغۇرغا چىلاشقان توپ-توپ بۇلۇتلار.
قۇمساڭغۇ يوللارنىڭ ھەسرەتلىرىنى،
سۆزلىشىپ تۇرىدۇ قېرى يانتاقلار.

توغراقنىڭ غولىغا يۆلەندىم ئېغىر،
قەلبىمنى مىسكىنلىك قىلماقتا قامال.
ئىزلارنى كۆمەي دەپ ئۇچقان قۇم ئارا،
ئۆتمەكتە ئالدىمدىن يېگانە ھىلال.

ئېسىمدە سەبىيلىك تامچىغان لەۋلەر،
سەن يەنە يېنىمغا كېلىسەن يۈگرەپ.
يوشۇرۇن قارايمەن كۆزۈڭگە قەستەن،
ئىشقىڭدا يۈرىكىم كۆيەر گۈرۈلدەپ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش