2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.01 / 0.05 / 0.01
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 21 سائەت 45 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3430ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

ئاۋام بىلەن ياشاشنى ئۆزۈڭگە ئادەت قىل

sarki 6 تەرمىلەر

زامانى ئاۋۋالدا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن.ئۇ كۈنىگە يەتمىش ئىككى ۋاخ يەتمىش ئىككى خىل تاماق يەيدىكەن.مەخسۇس تاماق توشۇيدىغان مۇلازىمى بار ئىكەن.مۇلازىم ھەر قېتىم تاماق ئېلىپ كىرگەندە ،پادىشاھ كۆرەڭلەپ :
_ مەن يىگەن ،سەن يىگەنگە ئوخشاش ،يولۇڭغا ماڭ . _ دەيدىكەن _ دە ،ئىككى قوللاپ لېگەنگە ئېتىلىدىكەن.
مۇلازىم گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىنى شوراپ،تامغاقلىرىنى تامشىتىپ قەسىردىن ئايرىلىدىكەن.
بىر كۈنى پادىشاھ شىكارغا چىقىپتۇ،تاماق توشۇيدىغان مۇلازىممۇ بىللە مېڭىپتۇ.پادىشاھ ئاتلىق ،مۇلازىم پىيادە ئىكەن.ئۇ ،ئات بىلەن تەڭ ماڭالماي،پۇتلىرى ئاغرىپ بولالماي پادىشاھقا تەلمۈرۈپ قاراپتۇ.
_ ھەي چاكار،نېمىگە قارايسەن ؟ مەن مىنگەن سەن مىنگەنگە ئوخشاش ئەمەسمۇ؟ مېڭىۋەر، _ دەپتۇ پادىشاھ قاقاقلاپ كۈلۈپ .
مۇلازىم ھارغىن ئاياغلىرىنى ئاران يۆتكەپ ،ئۆپكىدەك ئېسىلىپ ،يىغلامسىراپ مېڭىۋېرىپتۇ. ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن، پادىشاھ كېيىكلىك تاغقا يېتىپ بېرىپتۇ.ئاتلىرىنى تاغ باغرىدا مۇلازىمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ،ۋەزىر - كېنىزەكلىرىنى ئېلىپ تاغقا چىقماقچى بوپتۇ ،مۇلازىمنىڭمۇ بىللە چىقىپ كېيىك ئوۋلىغۇسى كەپتۇ _ دە ،تىزلىنىپ دەپتۇ:
_ ئى ، پادىشاھى ئالەم ،پېقىرنىڭ ھەزرەتلىرى بىلەن شىكارغا چىقىشى تۇنجى ئىش ، مەنمۇ كۆڭلۈمنى ئېچىپ چۈشەي ،باشقىلار سىغقان تاغقا مەنمۇ سىغارمەن،قۇيرۇقلىرىغا سېلۋالسىلا، رەھىم قىلىپ ئېلۋالسىلا بوپتىكەن.

ادىشاھ كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ :
_ ھوي ئەخمەق،ماڭا بەس سېلۋاتقىنىڭنى قارا،مەن ئوۋلىغان سەن ئوۋلىغانغا ئوخشاشقۇ، _ دەپلا كېتىپ قاپتۇ.
مۇلازىم يالغۇز ئولتۇرۇپ ھەسرەت چېكىپتۇ،< خەپ ماڭىمۇ مۆرىتى كېلەر> دەپتۇ. پادىشاھ تاغدىن چۈشۈپتۇ ۋە تاغنى ئايلىنىپ سەيلە قىلغاچ ئوردىغا قايتماقچى بوپتۇ. يولدا سۈيى مول بىر دەرياغا ئۇچراپتۇ. پادىشاھ <بۇنچىلىك دەريا نېمىدى> دەپتۇ _ دە ،ئالدى -ئارقىسىغا باقماي ئات ساپتۇ. ۋەزىرلەر ئەگىشىپتۇ، مۇلازىم قىرغاقتا قاپتۇ. ئات دەريانىڭ ئوتتىرىغا بارغاندا ، دولقۇن سوقۇپ پادىشاھنى ئېگەردىن ئاجرىتىۋېتىپتۇ. پادىشاھ سۇغا بىر چۆكۈپ ،بىر لەيلەپ ۋارقىراپتۇ:
مۇلازىم جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەپتۇ : _ پادىشاھ ھەزرەتلىرى، سىلە ئاققان مەن ئاققانغا ئوخشاش ،خاتىرجەم ئېقىۋەرسىلە ،ياتقان يەرلىرى جەننەتتە بولسۇن!

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش