2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى56.4% · 4.2 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.08 / 0.07 / 0.01
داۋاملىق يۈگۈرگەن 164 كۈن 16 سائەت 0 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
664ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

ئاياللار ئۆتەلمەيدىغان سىناق

sarki 1 ھېكايە

بۇرۇن بىر ماگىزىن ئېچىلغان ئىكەن. ئاياللار بۇ ماگىزىندىن ئۆزلىرىگە ئەر تاللىۋالسا بولىدىكەن. كىرىش ئېغىزىغا بۇ ماگىزىننىڭ تۆۋەندىكىدەك قائىدە- تۈزۈملىرى يېزىلغان ئىكەن .
« سىز پەقەت بىر قېتىملا بۇ ماگىزىنغا كىرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ماگىزىن قەۋەت ، قەۋەت سانى ئاشسا ئەرلەرنىڭ سۇپىتىمۇ يوقۇرلايدۇ. سىز ئۆزىڭىز خالىغان قەۋەتتىن ئەر تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ. يۇقۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۆۋەنگە چۈشۈشكە بولمايدۇ.»
بىر ئايال بۇ ماگىزىنغا كىرىپ ئۆزىگە ھەمرا تاپماقچى بوپتۇ.
1- قەۋەتتىكى ئەرلە ر: خىزمىتى بار ئەرلەر. ئۇ ئايال دەرھال 2- قەۋەتكە مېڭىپتۇ.
2- قەۋەتتىكى ئەرلەر : خىزمىتى بار ھەمدە بالىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر. ئۇ ئايال دەرھال 3- قەۋەتكە مېڭىپتۇ.
3- قەۋەتتىكى ئەرلەر : خىزمىتى بار، بالىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىنتايىن كىلىشكەن . بۇ ئايال كۆڭلىدە ئەمدى ياخشى بولدى دەپ خوش بولۇپتۇ-يۇ، بىراق يەنىلا 4- قەۋەتكە مېڭىپتۇ.
4- قەۋەتتىكى ئەرلە ر : خىزمىتى بار، بالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، كېلىشكەن، ئائىلىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ئۇ ئايال ئەمدى كۆڭلۈمدىكىنى تاپتىم دەپ ئويلاپتۇ، بىراق تۇرۇپ كېتىپ يەنىلا 5- قەۋەتكە چىقىپ باققۇسى كەپتۇ.
5- قەۋەتتىكى ئەرلەر : خىزمىتى بار، بالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، كېلىشكەن، ئائىلىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىنتايىن رومانتىك. ئۇ ئايال ئەمدى مۇشۇ قەۋەتتىن لايىق تاپاي دەپ ئويلاپتۇ-يۇ، يەنە 6- قەۋەتكە چىققۇسى كىلىپ مېڭىپتۇ.
6- قەۋەتكە چىققاندىن كىيىن : < سىز 160مىڭىنجى بولۇپ بۇ يەرگە چىققان ئايال، بۇ قەۋەتتە ئەرلەر يوق› دىگەن تاختاينى كۆرۈپتۇ.
بۇ قەۋەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى : ئاياللارنىڭ رازى بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش