2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.5% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0 / 0.02 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 163 كۈن 19 سائەت 7 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
313ئومۇمىي زىيارەت
4474يۈرگەن كۈنلىرى

ۋىسال قۇچقان سۆيگۈ

sarki 4 مۇھەببەت

بىر يىگىت بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇ قىز دۇكان ئاچىدىغان قىز ئىكەن. ئۇ يىگىت قىزغا كۆڭلىنى بىلدۈرۈشكە ئامال ئىزدەپتۇ. ئۇ ئاخىر مۇنداق ئامال تېپىپتۇ: يىگىت ھەركۈنى قىزنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ تېلېفون قىلىدىكەن، نامەلۇم بىر مەۋجۇت بولمىغان نومۇرغا تېلېغون قىلىپ شۇنداق ئۇزۇن پاراڭلىشىدىكەن. قارشى تەرەپتىكى قىزغا <بۆگۈن كەيگەن قىزىل كۆينىكىڭىز بەك يارىشىپتۇ، ھاۋا سوۋۇپ كېتىۋاتىدۇ، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ...................> دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدىكەن، دۇكانچى قىز يىگىتنىڭ قىز دوستىغا قىلغان سۆزلىرىدىن شۇنچىلىك تەسىرلىنىدىكەن، نېمە دېگەن كۈيۈمچان يىگىت بۇ، مېنىڭمۇ ئاشۇنداق يىگىتىم بولسا - ھە، ئۆزۈمنى نەقەدەر بەختلىك ھېس قىلغان بولار ئىدىم ھە دەپ ئارمان قىلىدىكەن.
كۈنلەر شۇ تەرەققىدە ئۆتىۋېرىپتۇ، يىگىت كۈندىلا ئاشىقىنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ، مەۋجۇت بولمىغان نومۇرغا تېلېفون قىلىپ، كۆز ئالدىدىكى مەھبۇبىسى بىلەن پاراڭلىشىدىكەن..... ھەر قېتىملىق پاراڭ تېمىسى، پاراڭ جەريانىدا دىيىلگەن گەپ - سۆزلەر قىزغىلا ماس ئىكەن. <بۆگۈن كەيپىياتىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەسقۇ، ھە راست ئاپىڭىزنى ئاغرىپ قالدى دەپ ئاڭلىدىم، ھازىر قانداقراق، كېسىلى ئېغىر ئەمەستۇ، يوقلاپ بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئىمكان يوق، مېنى كەچۈرۈڭ..............> بۇ گەپلەرنى خۇددى ئۆزىگىلا قىلىۋاتقانداق ھىسياتقا كەلگەن قىز، يىگىتنىڭ سۆزلىرىدىن تەئەججۈپلىنىشكە باشلاپتۇ، كۈندىلا كىرگەن يىگىت، دىيىلگەن گەپ سۆزلەر خۇددى قىز ئۈچۈنلىدەك تۇيغۇغا كەپ قاپتۇ. بىر كۈنى قىز يىگىتتىن، < سىز قىز دوستىڭىزغا بەكلا كۈيۈنىدىكەنسىز، كۇندىلا شۇنداق ئۇزۇن پاراڭلىشىسىز، گىپىڭلار زادىلا تۈگىمەيدىكەن. ئۇ قىز زادى قەيەردە؟> دەپ سوراپتۇ. يىگىت قىزغا: <ئۇ قىز پەقەت مېنىڭ قەلبىمدىلا> دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ۋە خوش ئەتە كۈرشەيلى دەپ چىقىپ كىتىپتۇ.قىز يىگىتىتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران بوپتۇ ۋە ئۆزىدە بىر خىل گۇمان پەيدا بولۇپ، يىگىت ئۇرغان تېلېفون نومۇرىنى تېپىپ تېلېفون ئۇرۇپ بېقىپتۇ. قارشى تەرەپتىن ئاڭلانغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قىز گاڭگىراپلا قاپتۇ <كەچۈرۈڭ بۇ نومۇر تېخى ئىشلىتىلمىگەن>.قىز كۆپ ئويلىنىپتۇ، بىردەم ھاياجانلانسا بىردەم ئۆزىنىڭ بالدۇرراق مۇشۇنداق قىلمىغىنىغا ئۆكۈنۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىز پوچتىخانىغا بېرىپ ئاشۇ نومۇرنى ئورنىتىپتۇ. ئەتىسى يىگىت كىرىپ، يەنە تېلېفون كونۇپكىسىنى بېسىپتۇ، ياندىكى تېلېفوندىن قىزنىڭ <ھە ئەمدى دەڭە> دېگەن يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. يىگىت نېمە قىلارىنى، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ. بىر پەس جىمجىتلىقتىن كېيىن ئىككىسىلا بىر - بىرىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپتۇ. ئوتلۇق كۆزلەر، سۈيۈملۈك مەھبۇبىسى..... زارقىپ كۈتكەن دەقىقىلەرنىڭ ئاخىرى يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلگەن يىگىت تولىمۇ تولىمۇ ھاياجانلىنىپتۇ. قىزدىن سۆيۈنۈپتۇ. ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى ۋىسال قۇچۇپ كۆكتە پەرۋاز قىلىشقا باشلاپتۇ....

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش