2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.4% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.3% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.06 / 0.1 / 0.04
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 18 سائەت 52 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3276ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

ۋاقىت بىلەن مۇھەببەتنىڭ ھېكايىسى

sarki 22 مۇھەببەت

بۇرۇن بىر ئارال بولغان ئىكەن. ئۇ يەردە خۇشاللىق ، ئازاپ ، پاراسەت، مۇھەببەت ۋە ھېسىسياتلار بىللە تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئۇلار ئارالنىڭ چۆكۈپ كېتىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ بۇ يەردىن كەتمەكچى بوپتۇ. پەقەت مۇھەببەتلا بۇ يەردە قېلىپ ، ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىغىچە چىداشنى قارار قىپتۇ.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئارال راستىنلا چۆكۈشكە باشلاپتۇ. شۇ چاغدىلا مۇھەببەت باشقىلاردىن ياردەم سوراپ بۇ يەردىن كەتمەكچى بوپتۇ. ئۇ چوڭ بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ كېتىپ بارغان بايلىقنى كۆرۈپ، ئۆزىنى بىللە ئېلىپ كېتىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. بايلىق ئۇنىڭغا:
-كېمەمدە نۇرغۇن ئالتۇن- كۈمۈش بار، پاتماي قالارسەنمىكىن،-دەپتۇ.
مۇھەببەت ماختانچاقنىڭ بىر ھەيۋەت كېمىدە كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ ياردەم سوراپتۇ. ئەمما ماختانچاق ئۇنىڭغا:
-پۈتۈن بەدىنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ، چىرايلىق كېمەمنى ھۆل قىلىۋىتىسەن ،-دەپتۇ.
مۇھەببەت ئازاپنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىپتۇ.
-كەچۈرگىن مۇھەببەت، مېنى يالغۇز قويغىن،-دەپتۇ ئازاپ.
خۇشاللىق شادىمان بولغاچقا، مۇھەببەتنىڭ ئۆزىنى چاقىرغىنىمۇ ئاڭلىماپتۇ.
تۇيۇقسىز يىراقتىن «بۇياققا كەلگىن، سىنى ئېلىپ كېتىمەن» دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. مۇھەببەت بەك خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكىدىن ئۇ مۇيىسپىتنىڭ ئىسمىنى سوراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتۇ. قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ئۇ مۇيىسپىت يالغۇز كېتىپ قاپتۇ. مۇھەببەت قاتتىق تەسىرلىنىپ، پاراسەتتىن:
-ماڭا ياردەم قىلغان كىم بولىدۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
-ۋاقىت،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ پاراسەت.
-ۋاقىت؟ ئۇ نېمىشقا مېنى قۇتۇلدۇرىدۇ؟- دەپ سوراپتۇ مۇھەببەت.
پاراسەت كۈلۈپ تۇرۇپ:
-چۈنكى ۋاقىتلا مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى چىن مەنىسىدىن چۈشنەلەيدۇ،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش