2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى51.5% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.9% · 98.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.01 / 0.08 / 0.11
داۋاملىق يۈگۈرگەن 226 كۈن 22 سائەت 31 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3779ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

ھېكمەتلەر (5)

sarki 4 ھېكمەت

* باشقىلار كۆزنى ئىككىنچى ئېغىز دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۆز ئېغىزمۇ ئىپادە قىلالمىغان يۈرەكنى كۆرسەتكۈچى ئەينەكتۇر.
* تىرىشىش چوقۇم غەلبىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەمما ۋاز كېچىش چوقۇم مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ.
* دۇنيادا پەقەت ئىككى خىل مۇناسىۋەت مەۋجۇت: بىرى، قانداشلىق. يەنە بىرى، نانداشلىق.
* كۆللەرنىڭ تىنىپ قېلىشى دېڭىزلارنىڭ مۇسىبىتىدىن بېشارەتتۇر.
* بەخت- ئېرىشەلمىگەنلىكىڭدە ئەمەس، ھېس قىلالماسلىقىڭدا.
* بىلىم ئېگەللەش ئىجتىھات تەلەپ قىلسا، بىلىمنى قىممەتكە ئېگە قىلىش پەم-پاراسەت تەلەپ قىلىدۇ.
* ئەجىرسىز كەلگەن ئامەت- بىلىنمەي كەلگەن ئاپەت.
* مەنسەپتىن چۈشكەن كۈنۈڭ-خەلىقتىن ھەقىقىي باھايىڭنى ئاڭلايدىغان كۈنۇڭدۇر.
* دۇنيادا ھېچقانداق ئادەم سېنىڭ كۆز يېشى قىلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ، ئەرزىيدىغان ئادەم سېنى ياش تۆككۈزمەيدۇ.
* ئەدەبىياتى تەرەققى تاپمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس .چۈنكى ئۇ بىر روھى ئىلىم، ئىلىم -پەننىڭ تەرەققىياتىمۇ دەل ئەدەبىياتتىن باشلانغان .
* بىراۋنى چۈشەنسىڭىز ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز .
* بىراۋنىڭ تەبىئىتى ۋە ھەركەت قىلىش ئۇسسۇلىنى پىششىق بىلسىڭىز ، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلالايسىز .
* بىراۋنىڭ مەقسىدىنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلىسىڭىز ، ئۇنى قايىل قىلالايسىز .
* بىراۋنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلسىڭىز ، ئۇنى ئۆزىڭىزگە قول قويدۇرالايسىز .
* بىراۋنىڭ مەنپەئەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلىسىڭىز ، ئۇنى تىزگىنلىيەلەيسىز .
* بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا-ئانىدىنمۇ ئارتۇق ھۆكۆمدار ۋە يىتەكلىگۈچى بولمايدۇ . بەزى ئاتا-ئانىلار نامسىز بۈيۈك ئۇستاز بولسا ، بەزى ئاتا -ئانىلار جىنايەت ۋە رەززىللىكنىڭ ياراتقۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .
* سىز باشقىلارنىڭ ھەسەتخورلىقىغا ئۇچىرسىڭىز ، سىزنىڭ نەتىجە قازانغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈردۇ. باشقىلارغا ھەسەتخورلۇق قىلسىڭىز سىزنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىڭىزنى چۈشەندۈردۇ .
* يانفۇن قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئېغىز بىلەن قۇلاقنىڭ ئارلىقىنى يىقىنلاشتۇرغىنى بىلەن، قەلىبلەرنىڭ يىراقلىشىشىغا يول ئېچىۋاتىدۇ .
* سەن يۈكۈنۈپ بەرمىسەڭ، خەقمۇ شىللەڭگە مىنەلمەيدۇ .
* ئەر كىشىدىن غۇرۇر كۆتۈرلۈپ كەتكەندە ، ئايال كىشىدىن ھايا كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ .

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش