2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.15 / 0.08 / 0.02
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 21 سائەت 46 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3445ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

ھىدلىرىڭنى ئەپ كەلسە شامال

sarki 6 ھېكمەت

ئابلا راخمان تۆتتاش

ھەسرىتىمنى كىملەرگە ئېيتاي؟
ئازاب قالدى ھەسسىلەپ دىلدا.
خەتلىرىڭمۇ مەۋھۇم كۆپ چىكىت،
ئۇچۇرۇڭ يوق ئايدا ۋە يىلدا.

ۋىسال كۈتۈپ خۇشلۇقتىن يىراق،
ياستۇقۇمدا رەيھان رەڭ غەزەل.
ئاي شولىسى يۈتمەكتە يانا،
كۆز نۇرۇمدىن ئېزىپ بىر مەھەل.

سىرداش بولماس تەنھالىقىمغا،
دېرىزەمدىن مارىغان قۇياش.
شامالدىنمۇ خەۋەر بەرمىدىڭ،
بولمىغانسەن بىر كىمگە قاياش؟

يوللىرىغا سالاي پايانداز،
ھىدلىرىڭنى ئەپ كەلسە شامال.
شىشىدەك ئۇز كۆڭۈل خانەممۇ،
قانسا بىر رەت تاپمامدۇ كامال!

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش