2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى51.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82.5% · 99 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0 / 0.05 / 0.1
داۋاملىق يۈگۈرگەن 228 كۈن 11 سائەت 27 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.10
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3891ئومۇمىي زىيارەت
4539يۈرگەن كۈنلىرى

ھاياتنىڭ رەڭگى

sarki 3 ھېكايە

مۇختار داۋۇت ئۆز يول

قىرىق يىل ياشىدىم ئۇشبۇ ھاياتنى،
قانمىدىم يەنىلا ئۇنىڭ مېھرىگە.
كىملەردۇر ئاغرىنىپ كەلسە بىر تالاي،
يەت دېدىم ئۆزۈمنى ۋاقىت قەدرىگە.

نەلەردىن يىغىلىپ، نەگە تارالغان،
بىر تۇتام تەمەچكە ئوخشايتتى ھايات.
بىر دەستە گۈل دېسەم ئۇنىڭ رەڭگىنى،
يۈرەكتىن ئۇچتى ئۇ چىقىرىپ قانات.

ھۆسنىدە بار ئۇنىڭ رەڭلەر خۇشپۇراق،
بىر كۈنلۈك ۋەسلىنى قىلىدۇ سوۋغات.
مېھنەتنىڭ تەرىدە يۇيۇنمىغان كۈن،
مەيلى كىم بولسۇن ئۇ رەڭسىزدۇر ھايات.

قۇرۇيدۇ قەلبىڭدىن نازۇك چىمەنلەر،
ۋىسالنىڭ دەرياسى سۇسىز-قاغجىراق.
سەپ تارتىپ ھەسرەتلەر كېلىدۇ يامراپ،
ئاي-يىللار مەنىسىز ئۆتەر پاتپاراق.

ھاياتقا رەڭ بېرىش ئىنسان پۇرسىتى،
ۋاقىتنىڭ نەرقىگە تېگىشسەڭ جاننى.
چېھرىڭدە ھاياتنىڭ رەڭلىرى ئايان،
ھەر بىر كۈن پۈتۈنلەپ چىشلىسەڭ ناننى!

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش