2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.8% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى78.2% · 93.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.05 / 0.13 / 0.17
داۋاملىق يۈگۈرگەن 165 كۈن 16 سائەت 31 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
1115ئومۇمىي زىيارەت
4476يۈرگەن كۈنلىرى

چېكىنىشكە تەييارلىقىڭىز بولسۇن

sarki 1 مۇھەببەت

بىر يىگىت ئېگىز تاغقا چىقماقچى بولۇپ، سەپەر ئالدىدا تاغقا چىقىش ماھىرىدىن تاغقا چىقىشقا كېرەك بولىدىغان زۆرۈر نەرسىلەرنىڭ نېمىلىكىنى سورىدى. تاغقا چىقىش ماھىرى ئۇنىڭغا ناۋادا تاغقا چىقىش يولى بىلەن تونۇش بولمىسا كومپاس ئېلىۋالغاندىن باشقا قەلەمتىراش، ئارغامچا، پۇختا ئورالغان سەرەڭگە، ئازراق تۇز، بىرپارچە يالتىراق ۋە پۇشتەك ئېلىۋېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتتى. يىگىت بۇنچە قىلىپ كېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى دەپ ئويلاپ تۇرغاندا، تاغقا چىقىش ماھىرى مۇنداق دېدى:
-بۇ نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرلىشىڭ ئۈچۈن ئەمەس چېكىنىشىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان، ھەممىدىن مۇھىمى چېكىنىش يولۇڭنىڭ بولۇشى. قەلەمتىراشنى دەيلى، ئىلگىرلىگەن چېغىڭدا ئوۋلىرىڭنى پارچىلاشقا، بامبۇك ياغىچىنى ئۇچلاشقا ئىشلىتىسەن، ئالىمادىس بىرەر يېرىڭنى يىلان چېقىۋالغۇدەك بولسا زەخمىلەنگەن يەرنى تىلىپ زەھەرلىك قاننى چىقىرىۋېتىسەن. ئارغامچىنى تاغقا ياماشقاندا، ھەمراھىڭ خەتەرگە يولۇققاندا ئىشلىتىسەن، نوسۇلكا باغلاشقىمۇ يارايدۇ. سەرەڭگىنى تاماق پىشۇرۇشقا، خەتەرگە يولۇققاندا ئوت يېقىپ تاغنىڭ سوغۇق كېچىسىنى ئۆتكۈزۈشكە ئىشلىتىسەن. يالتىراق ئىلگىرىلەش يولۇڭدا يامغۇردا دالدا بولىدۇ. تاغقا قاپسىلىپ قالساڭ سوغۇقتىن پاناھلىنىشقا، سۈيۈڭ قالمىغاندا سۇ تامچىلىرىنى يىغىشقا ئىشلىتىسەن. تۇز ئىلگىرىلەش يولۇڭدا مەززىلىك تائاملىرىڭىنىڭ خۇرۇچى بولىدۇ. ماغدۇرسىزلانغان چېغىڭدا زەھەرنى ھەيدەپ قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ. پۇشتەككە كەلسەك، ئىلگىرىلەش يولۇڭدا ئەترەتتىكىلەرنى يىغىشقا، ئاۋازىڭ چىقماي قالغاندا قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ سېنى تېپىۋېلىشىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تۇرمۇشىمىزدا ئالغا ئىلگىرىلەش ھەقىقەتەن ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ، ئەمما چېكىنىشنىمۇ نەزەرىدىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. مۇھىمى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇچۇشنى بىلىپ چۈشۈشنى بىلمەسلىكتىن ساقلىنىش لازىم. چېكىنگەندە قوغدىنىشقا ماھىر بولۇپ، قايتىدىن ئىش باشلاشنى بىلگەندە يېڭى باشتىن قەد كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش