2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.4% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.2% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.2% · 97.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.14 / 0.08 / 0.08
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 23 سائەت 48 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3485ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

چىملىق ئاسرىغۇچى بالا

sarki 5 ئائىلە ۋە تەربىيە

ئوغۇل بالا مىلىچماللار دۇكىنىغا كىرىپ تېلىفون ئۇرۇۋالماقچى بولدى. دۇكان خوجايىنى تەبەسسۇم بىلەن ماقۇل بولدى. دۇكان ئىچى چۆلدەرەپ تۇرغاچقا، ناھايىتى جىمجىت ئىدى. بالىنىڭ تېلىفوندا سۆزلەشكەن ھەر بىر سۆزىنى خوجايىن ئېنىق ئاڭلاپ تۇراتتى.
- خانىم، ئۆيىڭىزنىڭ چىم ئاسراش خىزمىتىنى ماڭا بەرسىڭىز قانداق؟ ـــ دېدى بالا.
تېلېفوننىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئايال بالىغا:
ـــ بىرەيلەن بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان ئىدى، ـــ دەپ جاۋاب بەردى.
ـــ خانىم، مېنىڭ ئىش ھەققىم تولىمۇ ئەرزان، ھازىرقى خىزمەتچىڭىز ئېلىۋاتقان ئىش ھەققىنىڭ يېرىمىنى ئالىمەن، ـــ دېدى بالا.
قارشى تەرەپتىن بولسا ھازىرقى چىم ئاسرىغۇچىسىنىڭ خىزمىتىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بالا بۇ ئىشقا ئىخلاسى باردەك قىلاتتى، ئۇ بەل قويۇۋەتمىدى.
ـــ خانىم، بۇ خىزمەتنى ماڭا بەرگەن بولسىڭىز، چىملىقىڭىزنى ئاسراپ بېرىشتىن سىرت ئۇنىڭ ئەتراپى ۋە ھويلا-ئاراملىرىڭىزنى تازىلاپ بېرەتتىم. شۇنىڭغا ھۆددە قىلىمەنكى، چىملىقىڭىز پۈتۈن بازاردىكى ئەڭ پاكىز، ئەڭ چىرايلىق چىملىققا ئايلىناتتى.
ئەمما ئايال سىپايىلىق بىلەن ئۇنى رەت قىلىۋەتتى. بالا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. باشقىلارنىڭ رەت قىلىنىشىغا ئۇچرىغان بالىنىڭ چىرايىدىكى خۇشاللىقنى كۆرگەن خوجايىن ئۇنىڭغا ھەيران بولدى ۋە قايىل بولغان ھالدا:
ـــ بالام، سېنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان مۇشۇ خىل پوزىتسىيەڭنى ياقتۇرۇپ قالدىم، خالىساڭ مېنىڭ دۇكىنىمدا ئىشلىگىن.
ـــ ياق، رەھمەت، ـــ دېدى بالا، ـــ بايا پەقەت قىلىۋاتقان خىزمىتىمنى باھالىتىپ باقتىم، مەن تېلېفون قىلغان خانىمنىڭ چىملىق ئاسرىغۇچىسى دەل ئۆزۈم بولىمەن.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش