2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.04 / 0.08 / 0.08
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 19 سائەت 46 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3327ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

چايان

sarki 12 ھېكايە

(ھېكايە)
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ

— چايان زەھىرى ساتىمەن ، چايان زەھىرى ! رىماتىزمنىڭ ئەڭ شىپالىق دورىسى ! ساقايمىغان رىماتىزمنى ئۈچ كۈندىلا ساقايتىۋېتىدۇ !
«ئانامنىڭ رىماتىزم كېسىلىگە شىپا بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس» دېگەن خىيال كاللامدىن «لىپپىدە» ئۆتتى-دە ، يولۇمدىن توختاپ كوچا دوقمۇشىدىلا يايما يېيىپ ۋارقىراپ خېرىدار توۋلاۋاتقان سەييارە تىۋىپنىڭ ئالدىغا كەلدىم . تىۋىپنىڭ ئەتراپىنى سەككىز-ئوندەك ئادەم ئورىۋالغان بولۇپ ، تىۋىپتىن ھېلى ئۇنى ، ھېلى بۇنى سورىشاتتى . تىۋىپ ئۇلارنىڭ گېپىگە زېرىكمەي لايىقىدا جاۋاب بېرىۋاتاتتى .
ئۇنىڭدىن چايان زەھىرىنىڭ قانداق ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سورىدىم .
— ھە، مۇنداق … ئاۋۋال پۇتنى پاكىزە يۇيغاندىن كېيىن پاقالچاققا تەكشى سۈركەيمىز، — ئۇ كىچىكرەك بىر ئەينەك داستا لۆمۈرلىشىپ تۇرغان چايانلارنى كۆرسەتتى، — ياكى تىرىك چاياننى پاقالچاققا قويۇپ قويساقمۇ بولىدۇ . چايان رېماتىزم بولغان ئادەمنى چاقمايدۇ . بىرلا ماڭغۇزۇپ قويسىڭىز قىرىق يىللىق رىماتىزمغا شىپا قىلىدۇ . ئەزبىرايى راست …
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تېنىم شۈركىنىپ كەتتى .
— چايان زەھىرى رېئاكسىيە قىلسىچۇ ؟ ئالىمادىس چايان چېقىۋېلىپ بىرەر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالسا…
— ئا … قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز ئۇكا، — ئۇ بەخىرامان جاۋاب بەردى، — ئەگەر مال ساختا چىقىپ قالسا ياكى بىز دېگەندەك ئۈنۈم بەرمىسە بىرگە يۈزنى تۆلەپ بېرىمىز !
— ؟!

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش