2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.2% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.17 / 0.13 / 0.05
داۋاملىق يۈگۈرگەن 163 كۈن 21 سائەت 5 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
431ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

پاپاغا ياقمىغان چاچ پاسونى_0

sarki 1 ھېكايە

ئەرـ خوتۇن رىمغا ساياھەتكە مېڭىش ئالدىدا ، ئايال چاچلىرىنى چىرايلىق ياساتماقچى بولۇپ ساتىراچخانىغا كەلدى . بۇ يەردىكى ساتىراچنىڭ تېخنىكىسى خېلىلا يۇقىرى بولسىمۇ ، لېكىن ھەسەتخور بولۇپ ، باشقىلار خوشال بولسا ئۇ بەكمۇ ئازاپلىناتتى . بۇ قېتىممۇ دەل شۇنداق بولدى . چېچىنى ياساتقىلى كەلگەن ئايالنىڭ رىمغا ساياھەتكە بارماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ساتىراچ :
-رىم ؟ نېمىشقا ئۇ يەرگە بارماقچى بولغانسىلەر ؟ ئۇ ھەم مەينەت ھەم قىستا-قىستاڭ شەھەر . سىلەر ئۇ يەرگە بارىمىز دەپ ساراڭ بوپسىلەر . قانداق بارايلى دەۋاتىسىلەر؟- دەپ سورىدى .
-بىز چوڭ قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرماقچى ،-دېدى ئايال ، -مەنزىلگە بېرىشقىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كەتمەيدىكەن .
-چوڭ قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە شىركىتى ؟ –ساتىراچ بەكمۇ ئەجەپلەنگەن ھالدا ، -بۇ شىركەت بەك ناچار ، ئايروپىلانلىرى كونا ھەم بۇزۇق ، مۇلازىمەتچىلىرىمۇ ھەم قېرى ھەم سەت ، تېخى ئايروپىلانلىرى دائىم ۋاقتىدا ئۇچالمايدۇ . رىمغا بارغاندىن كېيىن قايسى مېھمانخانىغا چۈشمەكچى بولدۇڭلار؟
-تىبىر دەرياسىنى كۆرگىلى بولىدىغان تەيسىت مېھمانسارىيىغا چۈشمەكچى بولدۇق، –دېدى ئايال .
-ئەخمەق بولماڭلار ، ئۇ مېھمانساراينى بىلىمەن . باشقىلار ئۇ يەرنى ياخشى دەيدۇ ، ئەمما مەن قارىسام ئۇ يەر ئەخلەتخانىنىڭ ئۆزى ، پۈتۈن رىم شەھىرى بويىچە ئەڭ ناچار مېھمانساراي ، ياتاقلىرىنىڭ كىچىكلىكى ، مۇلازىمىتىنىڭ ناچارلىقى ، باھاسىنىڭ يۇقىرلىقى . سىلەر رىمنىڭ قايسى يەرلىرىنى كۆرۈپ كەلمەكچى ؟-دەپ يەنە سورىدى ساتىراچ.
-بىز ۋاتىكانغا بارماقچى ، ئاندىن رىم پاپاسى بىلەنمۇ كۆرۈشەيلى دېگەن .
-ۋاي بولدى قىلىڭلار،- دېدى ساتىراچ قاقاقلاپ كۈلۈپ ،-ھەر كۈنى ئونمىڭلىغان ساياھەتچى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولىدۇ، سىلەرگە قانداقمۇ نۆۋەت تەگسۇن ؟ پۇل خەجلەپ كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالمىساڭلارلا بولدىغۇ . بوپتۇ، سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن،- دەپ قوشۇپ قويدى .
بىر ئايدىن كېيىن ھېلىقى ئايال يەنە ساتىراچخانىغا كىرىپ كەلدى . ساتىراچ ئۇستام ئۇنىڭدىن رىم سەپىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورىدى.
-بەك ياخشى بولدى ،-دېدى ئايال ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپ ،-بىز چوڭ قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يىپ-يېڭى ئايروپىلانىغا ئولتۇردۇق ، ئايروپىلانمۇ ۋاقتىدا ئۇچتى . ئادەتتىكى بۆلۈملىرى توشۇپ كەتكەچكە بىز ئالىي دەرىجىلىك بۆلۈمىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق . ئايروپىلاندىكى تاماق ۋە ئىچىملىكلەرمۇ بەك ياخشى ئىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈتكۈچى قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقى ، مۇلازىمىتىنىڭ ئەتراپلىقلىغىنى دېمەيلا قويۇڭ . يەنە بىز چۈشكەن مېھمانساراينى يېڭىدىن بېزىگەچكە كۆركەم-ھەيۋەتلىك ، ئېسىل-نەپىس ئىكەن .ياتاق زاكاس قىلغانلار بەك كۆپ بولغاچقا مېھمانساراي دىرېكتورى بىزدىن ئەپۇ سوراپ، ھىچقانداق باھا قوشماستىن بىزنى زۇڭتۇڭ دەرىجىلىكلەر ياتىدىغان يۈرۈشلۈك ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى .
-ھە ھە بۇ ياخشى بوپتۇ ، پەمىمچە رىم پاپاسىنى چوقۇم كۆرەلمىدىڭلار،-دېدى ساتىراچ.
-ۋاي-ۋۇي بىزنىڭ قانداق تەلەيلىك ئىكەنلىكىمىزنى بىلمەيسىز . بىز ۋاتىكاندا ساياھەت قىلىۋاتساق ، بىر مۇھاپىزەتچى ئەسكەر مۇرەمگە قېقىپ « پاپا بىر قىسىم ساياھەتچىلەرنى قوبۇل قىلماقچى » دېدى . پاپا بەكمۇ مېھرىبان ئىكەن ، ئۇ بىزنى خاس بۆلىمىسىدە قوبۇل قىلدى ، بىز بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ، مەن بىلەن بىردەم پاراڭلاشتى تېخى .
-راستما؟ ئۇ نېمىلەرنى دېدى،- دەپ سورىدى ساتىراچ قىزىققان ھالدا .
- ئۇ ماڭا،-دېدى ئايال ، ئادەم كەيپىنى ئۇچۇرۇشقا ئامراق ساتىراچقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ،-چېچىڭىزنى قانداقمۇ بىر چاكىنا ساتىراچقا لايىھەلەتكەنسىز ، –دەپ مېنى خىجىل قىلىۋەتتى .

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: گۈلبەھرەم مۇختار)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش