2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى52% · 3.9 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى82% · 98.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.02 / 0.12 / 0.14
داۋاملىق يۈگۈرگەن 227 كۈن 5 سائەت 45 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3794ئومۇمىي زىيارەت
4538يۈرگەن كۈنلىرى

پارچىلار (2)

sarki 5 تەرمىلەر

مېھرىگۈل ئابلىمىت

1
يىرتىلسا كۆينىكىڭ ياماق سېلىپ كەي،
بىراق سەن بولمىغىن قىممىتى يوق پەي.
ئۆز ئەجىر-مېھنەتكە يەتمەس ھېچ نېمە،
مىننەتلىك تائامنى قىلىۋەتكىن قەي.

2
ھەسەتخور چېھرىدە بولمايدۇ كۈلكە،
جاڭگالدا قوي ئەمەس، ياشايدۇ تۈلكە.
بىر مەررە دېمىگەچ «بوپتۇلا، مەيلى»،
شۇ سەۋەب ھېچكىمگە بولالماس ئۈلگە.

3
بىر تىنىق بولسىمۇ ياشايمەن كۈلۈپ،
ھاياتنىڭ پەيزىنى شاھلاردەك سۈرۈپ.
ئەجرىمدىن خەلقىمگە تۇتىمەن ئۇندا،
ئوكيانلار تەكتىدىن ئۈنچىلەر سۈزۈپ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش