2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.2% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.2% · 97.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.25 / 0.11 / 0.09
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 23 سائەت 49 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3490ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

يىتىمسىراش

sarki 5 ھېكايە

نەسر
ياسىن روزى كۈرەش

تەبىئەت ئانا قارا پەنجىرىسىنى يۈزىگە ئارتىۋالدى . ياپيېشىل بوستانلىقلار، بوۋامنىڭ قامىتىدەك ھەيۋەتلىك تاغلار ، تولغان قىزلاردەك گۈلگۈن باغلار ... ھەممە... ھەممىسى ئاشۇ قاراڭغۇلۇققا سىڭىپ كەتتى . مەن سەن تامان كېتىۋاتىمەن ، سېنىڭ ۋىسالىڭغا يەتكىلى كېتىۋاتىمەن گۈلۈم .
ئەتىگەندىن بۇيان يېغىۋاتقان سىم-سىم يامغۇرنىڭ رېتىملىق ئاۋازى يېنىك، لىرىك مۇزىكىدەك جاراھەتلەنگەن قەلبىمگە مەلھەم بولماقتا.
ئىسسىق كۆز ياشلىرى ئارقىلىق بىراۋلارغا نىجاتلىق ئاتا قىلىش نېمىدىگەن ئۇلۇغ روھ ھە! تەبىئەت ئانا.
بالىلىقىمدا ئانام بىچارىنىڭ دائىم يالغۇز ياش تۆكىدىغانلىقى ھېلىمۇ ئىسىمدە . مەرھۇم ئانامنى دادامنىڭ يوقلۇقى ، تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرى يىغلاتقان بولسا سېنى كىملەر يىغلىتىۋاتىدۇ ، تەبىئەت ئانا ؟ سەن پەپىلەپ باققان ھەم بېقىۋاتقان ئاشۇ نادان ئىنسانلارمۇيا ؟ تۆككەن ياشلىرىڭمۇ ئەجەپ سۆيۈملۈك ھە سېنىڭ، مانا نىمجان جانلار سېنىڭدىن قۇۋۋەت ئېلىپ ياشىرىۋاتمامدۇ ؟ ياشلىرىڭنى تۆكۈۋەر، تاكى يىغلاپ ئىچىڭ بوشىغانغا قەدەر.
سېنى ئىزدەپ كېتىۋېتىپ تۇرالغۇڭدىن ئۆتۈپ كەتكىنىم نېمىسى؟
— ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! قاراڭغۇلۇقتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىۋاتقىنى يىگىتنىڭ ئاۋازى ئىدى.
— ئارانلا بىر تال گۈل، — دەيتتى قىز ناز بىلەن .
ئۇنتۇغاقلىقىمنى قارا، بۈگۈن ئاشىق–مەشۇقلار بايرىمى ، ماڭالايدىغان ئۇچالايدىغان ، قېنى ، جېنى باركى جىمى جانلىقنىڭ بايرىمى ئەمەسمۇ ؟ غۇۋا نۇر چېچىپ تۇرغان ئاشۇ دېرىزە سېنىڭ ھۇجراڭنىڭ دېرىزىسى ئىكەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە ، كۈتتۈم، كۈتۈۋاتىمەن ، كېلىدىغىنىمدىن خەۋەرسىز بولساڭمۇ سىم –سىم يامغۇردىن ھۇزۇرلانغىلى چىقمىغىنىڭ نېمىسى؟ سەنمۇ سىم - سىم يامغۇرنى ياخشى كۆرەتتىڭغۇ؟
ئېسىمدە، سىم –سىم يامغۇرلىق ئاشۇ كىچىدە قول تۇتۇشۇپ كېتىۋېتىپ ناخشا توۋلىغىنىمىز. ئەنە چىراق نۇرى ئاستىدا سېنى كۆردۈم، سەن نۇر بۇلۇپ چىقىپ كېلىۋاتاتتىڭ، بار ئاۋازىم بىلەن چاقىرغۇم كېلەتتى. ئاپپاق نۇرلار قەلبىمگە، زېمىنغا چېچىلماقتا، نامراتلىقىمدىن ساڭا نە گۈل، نە باشقا سوۋغات ئالالمىدىم. يۈرىكىم سەن تامان كېتىۋاتاتتى. يامغۇر شىۋىرلاپ ياغماقتا، شۇ تاپتا يېنىمدا بولغان بولساڭ ھە! ناخشىمىزنى يەنە باشلىساق ...

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش