2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.6% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.3% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.02 / 0.06 / 0.01
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 21 سائەت 44 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3429ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

ياخشى ئايال- تالانتلىق ئۇستاز_0

sarki 6 ھېكايە

قايسىدۇر بىر يازغۇچى: «دۇنيادا ئەر زاتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر تەربىيە كۆرگەن ئەخلاقلىق ئايالدىنمۇ تالانتلىق ئۇستاز بولمىسا كېرەك. ئۇ ئەرلەر كۆڭلىدىكى بارلىق ئىپلاسلىقلارنى يېڭىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارغا ئالىجانابلىق، جەسۇرلۇق، مەردانىلىكنى، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش ئىستىكىنى، شۇنىڭدەك سىپايە، سالاپەتلىك ئەر بولۇشىغا تېگىشلىك ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلىدۇ...» دەپ يازغانىكەن.
دۇنيا ئەر-ئاياللاردىن تەركىب تاپقان. بىر ياخشى ئەر بىر ياخشى ئايال ئارقىلىقلار ھەربىر قەدىمىنى مەزمۇت ئالالايدۇ. بىر ئەرنىڭ نۇرغۇن دوستى بولغان بىلەنمۇ، بىر ياخشى ئايالىنىڭ بولغىنىغا يەتمەيدۇ. ياخشى ئايال خۇش پۇراق گۈلگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن گۈزەللىك، ساپلىق، پاك ئەقىدە ۋە مېھرىبالىقنىڭ يېقىملىق ھىدى كېلىدۇ. بۇ بىر ئەرنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، ئۆزىنى تونۇشى، شۇ ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مەردانە قەدەم تاشلىشى ئۈچۈن پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ-قۇۋەت بېغىشلايدۇ.
ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى، شۇڭا يېنىڭىزدا بىر ياخشى ئايال بولغاندىلا، ھاياتىڭىز ئاندىن مۇكەممەللىككە ئېرىشىدۇ. ناۋادا بىرەر جەڭگاھقا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش جەڭگىۋار تۇرمۇشقا قەدەم باسقىنىڭىزدا، بىر ياخشى ئايال سىزگە ئامانلىق تىلەپ ئۇزىتىپ قويسا، ئۇ چاغدا سىزگە ئۆلۈممۇ ئانچە قورقۇنۇچلۇق بىلىنمەيدۇ. ھېرىپ-چارچاپ كەتكىنىڭىزدە، بىر ئىللىق قول يەلكىڭىزنى تۇتۇپ قويسا، شۇ ھامان ئىللىق سېزىم ۋۇجۇدىڭىزغا تاراپ، سىزنى روھلاندۇرىدۇ. گاڭگىراپ قالغىنىڭىزدا، ئازابلانغان ۋاقتىڭىزدا ياخشى ئايالىڭىز تېخىمۇ مۇلايىم، تېخىمۇ ئېغىر-بېسىق، تېخىمۇ سەۋرىچان بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەمچىللىكلىرىڭىزنى تولۇقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىز تۇرمۇشقا تېخىمۇ دادىل، كۈلۈپ باقىسىز.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش