2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.5% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى49.7% · 3.7 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.3% · 96.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.23 / 0.09 / 0.02
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 18 سائەت 48 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3268ئومۇمىي زىيارەت
4536يۈرگەن كۈنلىرى

نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن

sarki 13 ھېكايە

(ھېكايە)
شۈ رېنخې
ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسى

ئەتىگەندە ئىشقا كېلىپ، ئۇسساپ گېلىم قۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ، بۇ ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن ئىختىيارسىزلا ئويغا چۆمدۈم ھەم ئىدارىدىن «سالقىنداش پاراۋانلىقى» نى بالدۇرراق تارقاتقان بولسا ياخشى بولاركەن-ھە، دېدىم ئىشخانىدىكىلەرگە.
ئىشخانا مۇدىرى لاۋ خۇاڭ قىزىقچىلىق قىلىپ:
ـــ ئىدارىمىزنىڭ ئەزەلدىن «تۆت پەسلى خۇددى باھاردەك» دېگەن نامى بار تۇرسا، نەدىكى قىش، يازكەن ئۇ؟ سىز ئىدارىمىزدە «سالقىنداش پاراۋانلىقى» تارقاتقانلىقىنى قاچان كۆرگەن؟ ـــ دېدى.
مەن ئويلاپ كۆرسەم، ھەقىقەتەن ئۇنداق ئىش يوقكەن. بىراق، ئېسىمدە قېلىشىچە، ھەر يىلى بىر، ئىككى يۈز جىڭ تاۋۇز تارقىتىپ بېرەتتى، مانا بۇنى «سالقىنداش پاراۋانلىقى» دېسەك بولار، ـــ دېدىم.
لاۋ خۇاڭ:
ـــ توغرا دېدىڭىز، بىراق ئۇنى تارقاتقىلى تېخى بىر نەچچە يىلمۇ بولمىدى، سىز قانچە قېتىم تاۋۇز ئالدىڭىز؟ ـــ دېدى.
مەن ئويلىنىپ تۇرۇپ:
ـــ ئۆتكەن يىلى، ئوزاقى يىلى، يەنە ئۈچ يىل ئىلگىرى ئالغان، ئۇ چاغلاردا مەن بويتاق بولغاچقا، يەپ بولالماي، ئېشىپ قالغانلىرىنى قوشنىلارغا بېرەتتىم، بۇ يىل 100 جىڭ تاۋۇزنى قېيىنئانامنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمەن، ـــ دېدىم.
لاۋ خۇاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـــ بۇ يىل تاۋۇزدىن ئۈمىد كۈتمەڭ، تاۋۇزنى بازاردىن ئېلىپ قېيىنئانىڭىزغا سوۋغا قىلىڭ، ـــ دېدى.
مەن ئۇنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمىدىم.
لاۋ خۇاڭ:
ـــ ئۈچ يىل ئىلگىرى، لى ئىدارە باشلىقىنىڭ ئاكىسى تاۋۇز تېرىغان بولۇپ، تاۋۇز پىشقاندا، سۇ بېسىپ كېتىپ ساتالمىغان، ئۇزاقى يىلى ۋاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ دادىسى 10 مو تاۋۇزلۇقنى ھۆددىگە ئالغان، ئۆتكەن يىلى جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ھاممىسىنىڭ ئېرى 10 مىڭ جىڭغا يېقىن تاۋۇز ئەكىلىپ ئىدارىمىزگە سېتىپ بەرگەن. بۇ يىل مەن ئىگىلىگەن ئەھۋالغا قارىغاندا، ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ تۇغقانلىرى تاۋۇز تېرىماپتۇ، ـــ دېدى.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش