2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54% · 4 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.01 / 0.01 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 163 كۈن 20 سائەت 54 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
414ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

نىكاھ

sarki 1 ھېكايە

گۈلبوستان ئابدۇرېھىم

نىكاھ مۇھەببەتنىڭ نازۇك سىناقلىرىدىن دادىل ئۆتەلىگەن، بىر–بىرىگە ھەقىقىي كۆيەلىگەن، ئەقىدە – ئىشتىياق بىلەن سۆيەلىگەن قەلب ئىگىلىرىنىڭ ئىللىق ئۇۋا قۇرۇش مۇساپىسىدىكى ۋىسال مەنزىلگاھىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، ئۇھسىنىشلار بىلەن تولغان بىسەرەمجان كېچىلەرنىڭ ھىجران پەردىسىنى يىرتىپ تاشلىغۇچى...
نىكاھ ئوخشاش يولدا ماڭغان، ئوخشاش ئوتتا كۆيگەن قەلبلەرنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىنى چاراقلاتقۇچى، خىرە كۆزلەرنى نۇرلاندۇرغۇچى، غەمناك كۆڭۈللەرنى ئاۋۇندۇرغۇچى، مەنىۋى مۇكەممەللىك، مەنىۋى مۇقەددەسلىكنىڭ ئالىي شەكلى بولغان ئائىلىدىن ئىبارەت ئىللىق ئۇۋىنىڭ تەختىنى، بەختىنى ياراتقۇچى، قەلبىگە بىرلىك مۆھىرى بېسىلغان ئەر – خوتۇنغا تاغدەك مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چىدامچانلىقنى، ھەممىگە دادىل يۈزلىنەلەيدىغان قەيسەرلىكنى ئاتا قىلغۇچى، مۇھەببەتتىن ئىبارت ئالتۇن كۆۋرۈك ئارقىلىق ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلارنى، قەلبلەر بىلەن قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئوتتەك قىزغىنلىقنى كۈچلۈك مەسئۇلىيەتكە ئايلاندۇغۇچى.
نىكاھ مەڭگۈ تانغىلى ھەم يانغىلى بولمايدىغان مۇقەددەس قەسەم. ئۇ، ئۇلۇغلۇقنىڭ ئۇلۇغى بولغان تۇز بىلەن نان گۇۋاھلىقىدىكى بۇزۇلماس ئەھد، شۇڭا ئۇنىڭ بېغى چىڭ. ئۇ ئىككى قەلبنىڭ سەممىيەتنى قانات، مۇھەببەتنى قان، بېغىشلاش ئەقىدىسىنى جان قىلىپ يېزىپ چىققان نادىر تارىخى. ئۇ ساختىپەزلىكنى، ئىككى يۈزلىمىچىلىكنى ئەسلا راۋا كۆرمەيدۇ. سەممىيەتسىزلىك ئۇنىڭ بېغىدا ئۈنگەن شۇم بۇيا، سەمىمىيەتسىزلەر بىر – بىرگە بىئەتىۋا.
نىكاھ ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئاشىقلىق لېيىدا يۇغۇرۇلغان ئېسىل كوزا. ئۇ ۋىسال كۈيىدە مەۋج ئۇرۇۋاتقان دولقۇن، ساداقەت گىرەلەشكەن پاك تۇيغۇدىن ئۈنۈپ چىققان يۇلغۇن!

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش