نىشانىڭىز توغرا بولسا، ئالغا ئىلگىرلەۋىرىڭ
بىر توپ پاقا بىر مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىقىشتا مۇسابىقىلىشىپتۇ. يېقىن ئەتىراپتىكى پاقىلارمۇ ئۇلارنىڭ مۇسابىكقىسىنى كورگىلى كەپتۇ. مۇسابىقە باشلىنىش بىلەن تەڭ، پاقىلار بەس-بەستە مۇنارغا يامىشىشقاباشلاپتۇ. تاماشا كۆرىۋاتقان پاقىلار :<< بۇ مۇسابىقىنىڭ شەرتى بەك چىڭ بۇلۇپ كېتىپتۇ، بۇنداق ئىگىز مۇنارنىڭ چوقىسىغا ھەرگىز چىققىلى بولمايدۇ، بۇ ئەسلا مۈمكىن بولمايدىغان ئىش>> دىيشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەن پاقىلار ئۈمۈتسىزلىنىپ بىر-بىرلەپ كەينىگە يېنىپتۇ، پەقەت بىرلا پاقا ھېچ ئىش بولمىغاندەك داۋاملىق چوقىغا يامىشىۋىرىپتۇ. مۇسابىقىمۇ ئاخىرلىشىپتۇ، ئاشۇ بىرلا پاقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەڭ ئاخىرغىچە تىرىشىپ، ھەيران قالارلىق غەيرەت شىجائەت بىلەن چوقىغا يامىشىپ چىقىپتۇ. باشقا پاقىلار بۇ ئىشتىن ھەيران بۇلۇپ ئۇنىڭ نىمىگە تايىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى پەللىگە بارغانلىغىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭ گاس ئىكەنلىگىنى بايقاپ، ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بوپتۇ.
بۇنداق ئىشلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىزگىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن ئىشەنچىڭىز كامىل بولسا ئەقىل-پاراستىڭىز ۋە كۈچ قۇۋىتىڭىزنى توغرا مۆلچەرلىيەلسىڭىز، ئۇ چاغدا ئۈزىڭىز توغرا بولدى، مۇۋاپىق بولدى، چۇقۇم يىتەلەيمەن دەپ قارىغان نىشانىڭىزنى بويلاپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ يولىڭىزنى داۋاملاشتۇرىۋىرىڭ، ناۋادا، بۇ جەرياندا بىرەرسى مەيلى قانداق نىيەتتە بولۇشىدىن قەتتىينەزەر نىشانىڭىزغا يىتەلمەيدىغانلىغىڭىزنى ئېيتىپ، سىزگە بۇ يولدىن قايتىشنى، نىشانىڭىزدىن ۋاز كىچىپ، سىڭگەن نېنىڭىزنى يىيىشنى نەسىھەت قىلىپ قالسا قىلچە ئىككىلەنمەستىن << گاس >> بۇلىۋېلىپ دادىل قەدەم بىلەن كىتىۋېرىڭ.
(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)
تېخى باھا يوق