2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.1% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى81.1% · 97.3 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0 / 0.07 / 0.04
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 23 سائەت 13 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3472ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

مەجنۇن خىياللار

sarki 9 ھېكايە

ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار

1
گۈلزارلارنىڭ شاھى سەن. سەن ھۈپپىدە ئېچىلغان قىزىلگۈلگە ئوخشايسەن. بەرگىڭدە مۇھەببەت، مۇھەببەتنىڭ ھەر بىر ئىسسىق تىنىقلىرى مېنى كۆيدۈرۈپ تۇرىدۇ. كۆيۈشلىرىمدە ساڭا چەكسىز ھارارەت بار.
باھار تەبەسسۇم قىلغان بىپايان ساھىلدا ئىككىمىزنىڭ ئەھمىيەتلىك ھېكايىمىز بار. كۆزۈڭ سۈزۈك تەسۋىرلەرگە تولغان. يۈرىكىڭ لىرىك پىچىرلىغان؛ قەدەملىرىڭدە سەلكىننىڭ مېھىرلىك تىلەكلىرى شىۋىرلايدۇ.
نىگاھىڭ بوستانىغا زۇمرەت قەترە بولۇپ قۇيۇلغىنىمدا، قاقاس بوز تۇپراق ياپيېشىل ئورمانزارغا ئايلاندى. ياپراقلىرىڭدا مېنىڭ قەلب سۆزلىرىم بار.

2

قۇشلار قەلبىنى سۆزلىگەن سۆيۈملۈك دەملەر ئېسىڭدىمۇ؟ ئەسلىمىلىرىڭ مېىنىڭ جەريانىم بىلەن تولغان، يۈرىكىڭ مېنىڭ ئىزلىرىم بىلەن بىپايان يوللارغا مۇھەببەتلىك باققان؛ ئىنتىزارلىق تامچىغان لەۋلىرىڭدە مېنىڭ ئىسمىم تەكرارلانغان، ئېھ! دەپ ئاسمانغا كۆز تاشلىغىنىڭدا، بەخت يۇلتۇزى بولۇپ ئاشىقلىق نۇرلىرىمنى ساڭىلا تاراتقان.
ئاپئاق سەھەرىستان بىزگە ۋىسال قەلئەسى! كەل سېنى ئەبەدىيلىككە باغرىمغا بېسىۋالاي. باغرىمدا نازاكەتلىك تولۇنغا ئايلان، ئايدىڭلىرىڭدا كۆك كۈي مەۋجۇتلۇق زېمىنلىرىغا ئۆزلۈك جۇلاسىنى بەرسۇن!

3

كۆڭۈل بوستانىڭدا سۆيۈملۈك ئارسلانىڭغا ئايلانغىنىمدىن بۇيان چەكسىز بەختلىكمەن! سەن ماڭا بىغۇبار ۋۇجۇدۇڭدا بار بولغان ھەممىنى بەردىڭ. مەۋجۇتلۇق ئالىمىمدە بارلىقىم بولۇپ ھاياتىمدەك پارلىدىڭ. پارلاشلىرىڭدا سەۋدالىقىم تارىم دولقۇنىدەك ئۇلغايدى.
ساڭا بىقارار مەجنۇنلۇقۇمدىن گۈزەل نەقىشلەرنى چېكىپ بەخت قولۋىقى ياسىدىم. بۇ قولۋاققا ئىككىمىزلا سىغىمىز.

4

بارلىق خىياللىرىمنىڭ سەندىن باشلىنىپ داۋاملىشىۋاتقىنىدىن خۇرسەنمەن.
سېنىڭ باغلىرىڭ مەن ئۈچۈن خۇشپۇراق رەيھانزار؛ سېنىڭ سۆيگۈڭ مەن ئۈچۈن تەختىگاھ، سېنىڭ خىياللىرىڭ مەن ئۈچۈن پەرۋاز بوشلۇقى! سېنىڭ تىنىقلىرىڭ مەن ئۈچۈن ئەقىدە بۇلىقى!
ماڭا كېچىش ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆزلىمە. كېچىشنىڭ ئورنىغا ۋاپاغا ئالماشقان سۆزلىرىڭ سۈزۈك سەھەرنىڭ ئاتەش تىلەكلىرىگە ئايلىنىپ سۆيگۈ ئېقىنى ۋۇجۇدۇڭنى چۇلغاپ تۇرسۇن! سەن ماڭا ئايلان، مەن ساڭىلا بېغىشلىنىپ جاسارەتكە تولاي. سېنىڭ ئوتتەك باغرىڭغا باش قويغىنىمدا يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرىدا سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭ تەۋرىمىدىمۇ؟ ھارارەتتىن لاۋۇلدىمىدىمۇ؟ ئۆزۈڭنى گۈلخاندا كۆيۈۋاتقاندەك سەزمىدىڭمۇ؟
يۈرىكىمىز سۆيگۈدە ياشىرىدۇ، مەلىكەم!

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش