2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى54.5% · 4.1 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى78.2% · 93.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.01 / 0.04 / 0.03
داۋاملىق يۈگۈرگەن 165 كۈن 20 سائەت 27 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
1154ئومۇمىي زىيارەت
4476يۈرگەن كۈنلىرى

مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇسۇلى

sarki 1 ھېكايە

مەلۇم دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنى بىر ئالتۇن سائەت سېتىۋاپتۇ ھەم بۇ سائەتتىن بەكمۇ رازى بولۇپ، بىلىكىدىن ئايرىمايدىغان بوپتۇ. بىر قېتىم ئۇ ئاشلىق ئىسكىلاتىنى تەكشۈرۈۋېتىپ، بىخەستەلىكتىن بۇ سائەتنى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ. ئۇ ئىسكىلاتنى چالا قويماي ئاختۇرغان بولسىمۇ سائەت تېپىلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەيدان دەرۋازىسىغا: ‹سائىتىمنى تېپىشىپ بەرگۈچىلەرگە 100دوللار مۇكاپات بېرىمەن› دەپ ئېلان چاپلاپ قويۇپتۇ.
مۇكاپاتنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن نۇرغۇن ئادەم بەس - بەستە ئىسكىلاتقا كىرىپ سائەتنى ئىزدىشىپتۇ، لېكىن ئۇلار كۈن ئولتۇرغىچە ئىزدەشكەن بولسىمۇ، يەنىلا سائەتنى تاپالماپتۇ، ئۇلار ئىسكىلاتنىڭ چوڭلۇقىدىن، شال پاخاللىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئاغرىنىپتۇ. 100دوللارنى ئالالمىغانلىقتىن ئەپسۇسلىنىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ. جۇل - جۇل كىيىملىك بىر بالىلا ئۈمىدسىزلەنمەي داۋاملىق ئىزدەپتۇ. ئۇ پۈتۈن بىر كۈن ھېچ نەرسە يېمەپتۇ، قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن ئالتۇن سائەتنى تېپىپ، ئائىلىسىنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىپتۇ.
قاراڭغۇ چۈشۈپتۇ. بالا سائەتنى تېپىش نىيىتىدىن يانماپتۇ. شۇ چاغدا كەچكىچە ۋاڭ - چۇڭغا تولغان ئىسكىلات تەدرىجىي تىنچىشقا باشلاپتۇ، بالا تۇيۇقسىز ‹چىك – چىك› قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، دەرھال ئىزدەشتىن توختاپ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ شال پاخاللىرىنى چۇۋۇپ ئاختۇرۇپ ئاخىر ئالتۇن سائەتنى تېپىپ، 100 دوللارغا ئېرىشىپتۇ.
مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۇسۇللىرى بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنچىۋالا مۇرەككەپمۇ ئەمەس، پۈتۈن نىيىتىڭىز بىلەن قەتئىي داۋاملاشتۇرسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت قەسىرىنىڭ ئىشىكىنى ھامان ئاچالايسىز.

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش