2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.2% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.7% · 96.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.05 / 0.02 / 0
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 22 سائەت 52 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3469ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

مۇھەببەت

sarki 6 مۇھەببەت

بۇرۇن بىر يىگىت بىلەن بىر قىز ئۆز ئارا تونۇشۇپ قاپتۇھەمدە مۇھەببەتلىشىپتۇ. بىراق،ئۇ يىگىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك كېسىلى بار ئىكەن. قىز بولسا بۇنى بىلمەيدىكەن. يىگىت ئاخىرى قىزنىڭ قوينىغا ھوشسىزلىنىپ يېقىلىپ چۈشۈپتۇ. شۇ چاغدىلا قىز ئاندىن يىگىتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئازقالغانلىقىنى بىلىپتۇ. خوشاللىنارلىقى شۇكى، يىگىت يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنى قوبۇل قىلسا نورمال ياشالايدىكەن. بىراق،ئۇ بۇخىل ئوپىراتسىيەنى رەت قىلىپتۇ. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسىمۇ ئۇنىماپتۇ. ھەتتا، ئۇنىڭ قىزدوستىمۇئۇنىڭدىن يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنى قىلدۇرۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ،بىراق يىگىت يەنىلا ئۇنىماپتۇ. قىز بولسا يىگىتنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ ئوپىراتسىيىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، نىمە ئۈچۈن ھاياتىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغىنىنى زادىلا بىلمەيدىكەن. يىگىتنىڭ جاھىللىقىغا قاراپ قىزچاق بەكلا ئاچچىقلىنىپتۇ ۋە يىگىتكە خاپا بولۇپ قاپتۇ. ئەجىبا.. قىز سۆيگەن يارىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلۈپ كېتىشىگە مۇشۇنداقلا قاراپ تۇرارمۇ؟؟ ئەجىبا يىگىت قىزنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانمىدۇ؟؟ يىگىت قاتتىق ئازاپ ئىچىدە ئاخىرى ئۆزىنىڭ سۆيگەن يارىدىن ۋە دۇنيادىن خوشلىشىپتۇ. ناھايىتى ئۇزۇن كۈنلەر ئۆتكەندىن كىيىن قىزچاق يىگىتنىڭ ئاپىسىنىڭ قولىدىن بىر كۈندىلىك خاتىرە دەپتەرنى تاپشۇرۋاپتۇ. بۇخاتىرە ئەسلىدە يىگىتنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇن يازغان ئەڭ ئاخىرقى خاتىرىسى ئىكەن. قىزچاق خاتىرىنى ئېچىپ ئوقۇپتۇ. تۇيۇقسىز خاتىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بېتىدە مۇنداق بىر سۆزنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ: ( ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ئۆزەمدىن باشقا بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى ئارقىلىق سىزنى سۆيۈش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ ). قىزچاق شۇ چاغدىلا يىگىتنىڭ نىمە ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپتۇ ھەمدە قاتتىق ئازاپ ئىچىدە كۆز ياشلىرى توختىماي تۆكۈلۈپتۇ.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش