2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى2.4% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى60.4% · 4.5 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى78.2% · 93.8 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.11 / 0.21 / 0.18
داۋاملىق يۈگۈرگەن 165 كۈن 22 سائەت 40 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
1169ئومۇمىي زىيارەت
4477يۈرگەن كۈنلىرى

ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسى

sarki 1 ھېكايە

تايلاندلىق بىر كىشى ئالتۇنغا دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىنمۇ بەكرەك مەپتۇن بوپتۇ، ئۇ بارلىق مال - دۇنياسى، زېھنىي قۇۋۋىتى ھەم ۋاقتىنى ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسى ئۈستىدىكى تەجرىبىگە سەرپ قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغا قالمايلا ئۆزى ۋە خوتۇنى يىغقان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ بوپتۇ. خوتۇنى ئۆيدىكى نامراتچىلىق تۈپەيلىدىن ئاتىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ دەرد تۆكۈپتۇ.
قېينئاتىسى كۈيئوغلىنى چاقىرتىپ كېلىپ: مەن ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ سىرىنى ئىگىلەپ بولدۇم ھەمدە ئالتۇن تاۋلاشقا كېتىدىغان نەرسىلەرنى تەقلەپ قويدۇم، ھازىر بىرلا خىل نەرسە كەملەۋاتىدۇ، ئەمما مەن ياشىنىپ قالغاچقا «ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق» دېگەندەك ئىش بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن...» دەپتۇ. كۈيئوغلى تەقەززالىق بىلەن:
-ئېيتىڭە، مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ دەپتۇ. قېيناتىسى:
-مۇنداق ئىش، ماڭا بانان يوپۇرمىقىدىن يىغىۋېلىنغان ئۈچ كىلو ئاق تىۋىت كېرەك بوپقالدى، يەنە كېلىپ بۇ بانان دەرىخىنى ئۆزىڭىز تىككەن بولىشىڭىز كېرەك. سىز تىۋىتنى تەقلەپ بولغاندىن كېيىن، ئالتۇن تاۋلاشنىڭ ئامالىنى ئۆزۈم قىلىمەن، دەپتۇ.
ئەتىسى كۈيئوغلى دەرھال بانان دەرىخى تىكىشكە تۇتۇش قىپتۇ. بانان پىشقاندا، ئۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەربىر بانان يوپۇرمىقىدىن تىۋىت قىرىۋاپتۇ، ئاندىن ئۇنى يوغان بىر كومزەككە سېلىپ ساقلاپتۇ. يىللار مۇشۇنداق ئۆتۈۋېرىپتۇ...
ئون يىلدىن كېيىنكى بىر كۈنى، كۈيئوغلى كومزەكنى كۆتۈرۈپ خۇشال - خۇرام ھالدا قېينئاتىسىنىڭكىگە كەپتۇ، قېينئاتىسى:
-ئەمدى ئاۋۇ ياقتىكى ئىشىكنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ، دەپتۇ. كۈيئوغلى ھېلىقى ئىشىكنى ئاچسا پۈتۈن ئۆي كۆزىنى قاماشتۇرۇپ ئالىچەكمەن قىلىۋېتىپتۇ، دىققەت قىلىپ قارىسا ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئىكەن. ئۇنىڭ خوتۇنى ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ:
-بۇلار بىز ئون يىلدىن بېرى بانان تىكىپ تاپقان ئالتۇنلار، دەپتۇ.
تۇرمۇشتا ئالتۇن تاۋلايدىغان نۇرغۇن تېخنىكىلار بولىدۇ، تىرىشچانلىق مانا مۇشۇنىڭ بىرى.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش