كۈتۈش
ئابدۇرېھىم مۇھەممەد سەھرايى
سېنى ئەمدى ئۇنداق كونا ئادەتلەر بىلەن كۈتمەيمەن. بوسۇغامدا يالغۇز ئولتۇرۇپ ساقلاۋېرىشتىن، كەچ قالغان يولۇچىلاردىن سوراۋېرىشتىن، ئايدىڭ كېچىلەردە نەي سادالىرىمدىن ساڭا تۈگىمەس شەپىلەرنى يوللاۋېرىشتىن... خويمۇ زېرىكتىم. ئەمدى ئۇنداق كۈتۈشلەر بالىلارغا قالسۇن، كۈتۈشلىرىمنى پۈتكۈل جاھانغا قويۇۋېتىمەن. ئېرىقلىرىڭدا سۇ بولۇپ ئاقىمەن، چاچلىرىڭنى تاراپ قالىسەن. باغلىرىڭدا گۈل بولۇپ ئېچىلىمەن، سەھەرلەردە پۇراپ قالىسەن. ئېتىزلىرىڭدا تىكەن بولۇپ ئۈنىمەن، ئاچچىقىڭدا چاناپ قالىسەن. شاماللارغا قوشۇلۇپ كېتىمەن، تومۇزلاردا سالقىنداپ قالىسەن. بازارلىرىڭغا مال بولۇپ توشۇلۇپ بارىمەن، ھېچ بولمىسا باھايىمنى سوراپ قالىسەن. بوستانلىرىڭغا قۇش بولۇپ قونىمەن، سايراشلىرىمنى ئاڭلاپ قالىسەن... شۇنداق، سېنى ساداقەت ۋە ئاشىقلىقنىڭ قاتمۇ قات قورشاۋىدا قالدۇرىمەن. مانا بۇ مېنىڭ كۈتۈشلىرىم... قېنى ئەمدى قورشاۋلىرىمنى بۆسۈپ باق!
(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)
تېخى باھا يوق