2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى12.8% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى56.1% · 4.2 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.08 / 0.04 / 0.03
داۋاملىق يۈگۈرگەن 164 كۈن 16 سائەت 40 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
666ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

كۆرۈشنى ئەڭ خالايدىغان پەيت

sarki 1 تەرمىلەر

بىر ئانىنىڭ ئوغلى جەڭ مەيدانىدا قازا قىلىدۇ، بۇ خەۋەر ئانىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە، ئانا ئىنتايىن ئازاپلاندى ۋە تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ ئاھ ئۇردى:
-ئەگەر مەن ئۇنى بىر كۆرۈۋالغان بولسام، پەقەت بەش مىنۇت بولسىمۇ، كۆڭلۈم ئەمىن تېپىپ قالغان بولاتتى.
دەل شۇ چاغدا پەرىشتە پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭدىن سورىدى:
-سىز ئوغلىڭىزنى كۆرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما پەقەت بەش مىنۇت.
-تېزرەك، قېنى ماڭا ئوغلۇمنى تېزرەك كۆرسىتىڭ، - دەپتۇ شادلانغان ئانا ياش تۆككەن ھالدا.
-ئوغلىڭىز چوڭ ئادەم بولۇپ قالدى، ئۇ 25ياشقا كىردى ئەمەسمۇ؟ _ دېدى پەرىشتە، سىزنىڭ ئۇنىڭ 25يىللىق ھايات مۇساپىسىدە قايسى بەش مىنۇتنى كۆرگىڭىز بار؟
بۇ ئانا پەرىشتىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەماللىققا نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى.
-سىز ئۇنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغاندىكى ئەھۋالىنى كۆرەمسىز ياكى ئۇ سىزدىن ئايرىلىپ قىسىمغا كىرگەن چاغدىكى ھالىتىنى كۆرەمسىز؟ _ دېدى پەرىشتە يەنە، __ سىز ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىدا مۇنبەرگە چىقىپ مۇكاپات ئالغان ۋاقىتلىرىنى كۆرۈشنى خالامسىز ياكى بوۋاق چاغلىرىدا ئىللىق باغرىڭىزغا يېپىشىپ تۇرۇپ ئاپپاق سۈتىڭىزنى ئەمگەن چاغدىكى غەمسىز، بەختىيار چاغلارنى كۆرۈشنى خالامسىز؟
ئانىنىڭ كۆزى چاقناپ كەتتى، ئۇ پەرىشتىگە مۇنداق دىدى:
-بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرگۈم يوق، ئۇنىڭ ھېلىقى چاغدا ھويلىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، پۇتىنىڭ سۈرۈلۈپ كەتكەن يېرىنى تېڭىپ قويۇشۇمنى ئېيتقان كۆرۈنۈشنى كۆرگۈم بار. شۇ چاغدا ئۇ تېخى كىچىك ئىدى، ئېھتىياتسىزلىق قىلغىنىدىن پۇشايمان قىلاتتى، كۆز يېشى يۈزىنى يۇيغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ باغرىمغا ئۆزىنى شۇنچىلىك كۈچلۈك ئاتقان ئىدىكى، مەن ئارقامغا ئۆرۈلۈپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىم....
بۇرادەر ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئانا ئەڭ كۆرۈشنى خالايدىغان پەيت بالا ئۆزىگە مۇھتاج بولغان چاغ........

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش