2026 -يىل 10 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى50.2% · 3.8 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى80.6% · 96.7 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.02 / 0.03 / 0.03
داۋاملىق يۈگۈرگەن 225 كۈن 22 سائەت 26 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.152
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
488ماقالىلەر سانى
0باھالار سانى
3456ئومۇمىي زىيارەت
4537يۈرگەن كۈنلىرى

كىچىك خاتالىقلارغىمۇ سەل قارىماڭ

sarki 5 ھېكايە

بەزىلەر خىزمەتكە كېچىكىپ كېلىش، ئائىلىدە بىرەر نەرسە بۇزۇلۇپ قالسا، ۋاقتىدا ئوڭشىتىش قاتارلىقلارنى كىچىك ئىش دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق سەل قارالغان كىچىك ئىشلار كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چوڭ خەتەرلىك ئامىللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئاددى قىلىپ ئېيتساق، ئۆيدە توڭلاتقۇ، توك مۇنچا، تېلېۋىزور قاتارلىقلار چېتىلىدىغان ۋېكلىيۇچاتىل ياخشى تېگىشمەيدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنى ۋاقتىدا ئوڭشىمىسا، ئېغىر توك ھادىسلىرىنى ياكى كۈتۈلمىگەن ھادىسلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بىر سودىگەر سودىسىنى تۈگىتىپ، ئېتىنى مىنىپ ئۆيگە قايتىپتۇ.ئۆيگە ئاز قالغاندا چاكىرى ئاتنىڭ تاقىسىنىڭ بىر مىخىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېيتىپتۇ، لېكىن سودىگەر : كارىڭ بولمىسۇن، بەرىبىر ئۆيگە ئالتە سائەتلىك يول قالدى دەپتۇ. يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە چاكار يەنە سودىگەردىن : ئاتنىڭ ئوڭ پۇتىدىكى تاقىسى چۈشۈپ قاپتۇ تاقىلامدۇق ؟ دەپ سورسا، سودىگەر : بولدى ، مەن ھازىر ئۆيگە ئالدىراۋاتىمەن، ئۆيگە يېتىپ بارىدىغانغىمۇ ئۈچ سائەتلىك يول قالدىغۇ ؟ -دەپتۇ. ئۇلار ئازراق ماڭغاندىن كېيىن، ئات ئاقساشقا باشلاپتۇ، ئۇزاق ئۆتمەيلا پۇتى قاناپ، يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. سودىگەرمۇ ئامالسىز چاكىرى بىلەن يۈك - تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ پىيادە ئون نەچچە سائەت يول يۈرۈپ ئۆيىگە كېلىۋاپتۇ.
كىچىك خاتالىق ياكى سەۋەنلىك ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە . ئاستا - ئاستا ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان چوڭ خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ،شۇڭا بىز كىچىك خاتالىقلارغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش