قۇچاق ئاچار ساڭا پەقەت بۈگۈنلا
زەپەر ئابدۇلھەي شەرقى
تىرىلسىمۇ يۈرىكىڭدە كەچمىشلەر،
قۇچاق ئاچار ساڭا پەقەت بۈگۈنلا.
شېئىر يازما ئەتە ئۈچۈن قايغۇرۇپ،
مەۋجۇتلۇقۇڭ پەقەت سۆيگۈڭ ئۈچۈنلا.
ئۇرغۇپ تۇرغان ھېس-تۇيغۇلار نەدىكىن؟
مېھىر-سۆيگۈ دىلدا تىمتاس چېچەكلەر.
چۈشلەر ساڭا ئاتا قىلسا لىرىكا،
سەبىيلىككە ئېلىپ كېتەر چۆچەكلەر...
شېئىر يېزىش يۈرەكلەرنىڭ سوقۇشى،
ھەر قەدەمدە تالسىمۇ گەر مۇھەببەت.
كۆزلىرىڭدە چاقنىسىمۇ ئۆتمۈشۈڭ،
بېغىشلىماس ۋۇجۇدۇڭغا سەلتەنەت.
(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: پولات ئاماننۇرى)
تېخى باھا يوق