2026 -يىل 8 -ئاي
يەكدۈشسەيچارپەيجۈمشەن12345678910111213141516171819202122232425262728293031
بۇ كۈنى ماقالە ئېلان قىلىنغان
ئىشلاش ھالىتى
CPU ئىشلىتىلىشى0% · 4 يادرو
ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلىشى56% · 4.2 GB / 7.5 GB
دىسكا ئىشلىتىلىشى77.7% · 93.2 GB / 119.9 GB
سىستېما يۈكى 0.63 / 0.33 / 0.12
داۋاملىق يۈگۈرگەن 164 كۈن 10 سائەت 6 مىنۇت
مەشغۇلات سىستېمىسى OpenCloudOS 9.4
WEB مۇلازىمېتىرى PHP 8.2.28
ئالاقە كېلىشىمى HTTP/2.0
مېھمان ئۇچۇرلىرى
سىزنىڭ IP ىڭىز 216.73.217.52
تور كۆرگۈچ نامەلۇم تور كۆرگۈچ
سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىز ئۈستەل ئۈسكۈنىسى
ئۇلىنىش تىپى HTTPS · GET
مۇلازىمەت تىلى نامەلۇم
نۆۋەتتىكى دائىرە bbs.tarmilar.cn
بېكەت ستاتىستىكىسى
497ماقالىلەر سانى
1باھالار سانى
629ئومۇمىي زىيارەت
4475يۈرگەن كۈنلىرى

قۇرت چۈشكەن ئالما

sarki 1 ھېكايە

ئابلىمىت مامۇت

ئادىل مۇئەللىم ئەركىننىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردا خۇپىيانە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئەركىننى چاقىرتتى. ‹‹ ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن ›› دېگەندەك، ئەيىبى ئۆزىگە ئايان ئەركىننىڭ ساراسىمىگە چۈشكەن يۈرىكى مۇئەللىمنىڭ ئاتىلارچە مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان ئىللىق تەبەسسۇمىدىن ئاستا – ئاستا جايىغا چۈشتى.
— يۈرە بالام، مەكتەپنىڭ بېغىنى ئايلىنىپ كېلەيلى، – دېدى مۇئەللىم ئەركىننىڭ دۈمبىسىگە يېنىك ئۇرۇپ. ئەركىن تەئەججۈپ ئىچىدە مۇئەللىمگە ئەگەشتى. مەكتەپنىڭ بېغى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، مېۋىلىك دەرەخنىڭ ھەممە تۈرى تېپىلاتتى.
ئادىل مۇئەللىم بىر تۈپ ئالما دەرىخى ئاستىدا توختىدى. ئوخشىغان ئالمىلار ئاپتاپتا جۇلالىنىپ تۇراتتى. دەرەخ ئاستىدىكى شالاڭ ئوت – چۆپلەر ئارىسىدا سېسىغان ئالمىلار كۆزگە چېلىقاتتى.
— قارا ئوغلۇم، - دېدى مۇئەللىم شاختىكى قاشتېشىدەك يالتىراپ تۇرغان ئالمىلارنى ئىما قىلىپ، - نېمە دېگەن ئوخشىغان ئالمىلار – ھە! قۇرۇتمۇ چۈشمىگەن، زېدىمۇ بولمىغان، شۇڭا بوران – چاپقۇنلارمۇ شېخىدىن ئايرىيالمىغان. ئەكسىچە بارغانسېرى سۈزۈلۈپ شىرنە – شەربەتكە تولۇپ تۇرۇپتۇ. ھاياتىي كۈچ دېگەن ئەنە شۇ. ئەمدى ماۋۇ ئوت – چۆپلەر ئارىسىدىكى سېسىغان ئالمىلارغا قارا. ھەممىسىگە قۇرۇت چۈشكەنلىكتىن، ئاۋۋال ئىچىدىن بۇزۇلۇپ ھاياتىي كۈچىنى يوقاتقان. نەتىجىدە شېخىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ، بىر – بىرلەپ يەر چىشلىگەن. ئەمدى ئۇلار نېمىگە ئەرزىيدۇ. سېنىڭچە بۇ ئالمىلارنىڭ ئاۋۇ شاختىكى ئالمىلاردەك قەدىر – قىممىتى بولارمۇ؟ – مۇئەللىم سوئال نەزەرى بىلەن ئەركىننىڭ كۆزىگە تىكىلدى، خىجالەت، پۇشايمان، ئۆكۈنۈش ئەركىننىڭ ۋۇجۇدىنى ئۆرتىمەكتە ئىدى.
مۇئەللىم شاختىن ئۈزگەن بىرتال ئالما بىلەن يەردىن ئالغان بىرتال ئالمىنى ئەركىنگە سۇندى:
— قېنى، ئوغلۇم، بىرنى تاللىۋال.
ئەركىن قولى تىترىگەن ھالدا شاختىن ئۈزۈلگەن ئالمىنى ئالدى. ھايال ئۆتمەي ئۇنىڭ قولىدىكى ئالمىنىڭ يۈزىدە سۈپسۈزۈك شەبنەم تامچىلىرى پەيدا بولدى.

(مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى، تەھرىر: شېرىنگۈل توختى)

تېخى باھا يوق

باھا قالدۇرۇش